كونىلاردا «يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار.
بەزى كىشىلەر ئەسلىدىكى پىلانىدا سەھەردە ۋاقتىدا ئويغىنىپ ناشتىنى ياخشى قىلىپ ئىشقا ماڭماقچى بولىدۇ. لېكىن ئاخشىمى بەك كەچ ئۇخلىغاچقا ئەتىگىنى ئۈلگۈرۈپ قوپالماي ھەتتا ناشتىمۇ قىلماي ئىشقا كېتىدۇ. ناشتا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن خىزمەتكە كېچىكمىگەننىڭ ئۆزىلا كاتتا ئىشقا ئايلىنىدۇ. ئۇنداقتا، دائىم ئەتىگەنلىك تاماق يېمىسە سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
1. بەدەندە ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش پەيدا بولىدۇ.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، دائىم ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ قېنىدا «C رېئاكسىيە ئاقسىلى»نىڭ تەركىبى روشەن يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ، بۇ ناشتا قىلماسلىق بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، C رېئاكسىيە ئاقسىلى بولسا بەدەندىكى ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسەتكۈچى تەركىبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بەدەندىكى بىر خىل يوشۇرۇن «قاتىل» بولۇپ، ئون نەچچە يىلغىچە يوشۇرۇنۇپ تۇرالايدىكەن. ئەمما، قوزغىلىپلا قالسا ھاياتقا خەۋپ يېتىدىكەن. مەسىلەن: تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ كېسىلى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا دىيابېت، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى، سەكتە ۋە راك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.
2. ئۆتكە تاش چۈشىدۇ.
دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە، كىلىنىكىدا كۆپلىگەن ئۆت راكى بىمارلىرىنىڭ ئۆتىدە تاش بولىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇزاق ۋاقىت ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىكتىن ئىبارەت ئوخشاش ئادەت بار ئىكەن. دائىم ناشتىلىق قىلمىغاندا ئۆتكە تاش چۈشۈش قاتارلىق ئۆت يولى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆت راكى بىلەن ئۆتكە تاش چۈشۈش زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
3. ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.
ناشتا قىلمىغاندا ئاشقازان ئۇزاق ۋاقىت «ئاچ قېلىپ»، ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ.
4. دىيابېتقا گىرىپتار بولىدۇ.
تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ناشتا قىلمىسا سەمىرىپ كەتمىسىمۇ ئاسانلا دىيابېتقا گىرىپتار بولىدىكەن.
5. ئادەم سەمىرىپ كېتىدۇ.
بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ناشتىلىق قىلماي ئۇزاق ئاچ قورساق ئۆتكەندە، بەدەن خاتا ھالدا يېمەكلىك يېتىشمەي «ئاچارچىلىق مەزگىلى» بولۇپتۇ دەپ تونۇۋالىدۇ. ھەمدە يېگەن تاماقنى «ئىسراپ قىلىش»قا كۆزى چىدىماي تاماقنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان ئارتۇقچە ئوزۇقلۇق مايغا ئايلىنىدۇ.
نېمە ئۈچۈن ناشتىلىق قىلمىغاننىڭ تەسىرى بۇنچىۋالا چوڭ؟
1. ئۆت سۇيۇقلۇقى يىغىلىۋالىدۇ.
ناشتىلىق قىلماي قورساقنى ئاچ قويغاندا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسىنىڭ سىرتىغا چىقالماي قويۇلۇپ، ئاستا-ئاستا تاشقا ئۆزگىرىدۇ.
2. ھورمۇن قالايمىقانلىشىدۇ.
ئالدىدا يېگەن بىر ۋاق تاماقتىن ناشتىلىققىچە ئارىلىقتا ئون نەچچە سائەت ئۆتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ئېنېرگىيە تولۇقلاش لازىم. يەنە كېلىپ، ئۇدا ئاچ يۈرگەندە قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ. بۇ ھالەت تەكرار داۋاملاشسا مۇناسىۋەتلىك ھورمۇنلار قالايمىقانلىشىدۇ.
3. ئاشقازان-ئۈچەي غىدىقلىنىدۇ.
ئادەم ئاخشىمى ئۇخلاۋاتقاندىمۇ ئاشقازان ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىدۇ. ئەگەر ناشتا قىلمىغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنى خورىتىدىغان يېمەكلىك يوق بولۇش سەۋەبلىك يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى كىسلاتا ئاشقازان پەردىسىنى غىدىقلايدۇ. بۇ ئەھۋال تەكرارلانسا ئاشقازاندا كېسەل پەيدا بولىدۇ.
شۇڭا، چوقۇم ناشتىلىقنى جايىدا قىلىش ھەمدە سۈپىتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟