كۆپچىلىك كىچىك ۋاقتىمىزدا كۆرگەن ياپونىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە-تىياتىرى «خاسىيەتلىك ئادەم بىلاك» (假面骑士BLACK) يادىڭلاردا بارمۇ؟ بۇ تىياتىر ئەينى يىلى قويۇلغاندا ياپونىيەدە قاتتىق ئالقىشقا ئېرىشكەن، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە «خاسىيەتلىك ئادەم بىلاك» دەپ ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ھالەت شەكىللەنگەن، ھەتتا بالىلارمۇ كېچە-كۈندۈز ئەر باش رولچىدەك «خاسىيەتلىك ئادەم» بولۇشنى خىيال قىلىدىغان دەرىجىدە شۇ قەدەر قىزىغان بىر تىياتىر، بۇ تىياتىر 1987-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى قويۇلغان، بۇ تىياتىر ياپونىيەدە قويۇلۇپ قىزغىنلىقى بىر مەزگىل «ئاۋتىمەن» (奥特曼) يۈرۈشلۈكلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ «خاسىيەتلىك ئادەم» تىياتىرلىرىنى كۆپلەپ ئىشلەشكە ئاساس سېلىپ بەرگەن، بۇ تىياتىر قويۇلۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، 1991-يىلى ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ۋە باشقا دۆلەت رايونلاردا قويۇلغان.
بۇ تىياتىردا ئىككى ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ياۋۇز مەخلۇقلار تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەپ ئالەمنى ۋەيران قىلىدىغان «خاسىيەتلىك ئادەم» قىلماقچى بولغانلىقى، لېكىن ئىنىسىنىڭ قېچىپ چىقىپ، ئادالەتنى ياقىلاپ، ئەسكىلەرنى يوقىتىپ، ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلغانلىقى، ئاكىسىنىڭ قېچىپ چىقالماي ئاخىرىدا ئەسكى بولۇپ كەتكەنلىكىدەك ۋەقەلىكلەر سۆزلەنگەن، تىياتىردىكى ئەر باش رولچىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس ئەينى ۋاقىتتا 19 ياشتا بولۇپ، بۇ ئارتىس ھازىر خېلىلا قېرىپ كەتكەن، لېكىن شۇ چاغدا ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى-قامىتى نۇرغۇن قىزلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، كۆپچىلىك ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايى ۋە ياخشى رول ئېلىش ماھارىتىنى، شۇنداقلا بۇ تىياتىردىكى ئوبرازىنى ناھايىتى ياقتۇرغان ھەمدە ئېتىراپ قىلغان، بۇ تىياتىر ۋە باش رولچى بولسا كۆپچىلىكنىڭ بالىلىقىتىكى چوڭقۇر ئەسلىمىسدۇر.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟