ئېلېكترونلۇق كۆز ئاپتوموبىلنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟
ئېلېكترونلۇق كۆز ئادەتتە ئۈچ پارچە رەسىم تارتىدۇ. بىرىنچىسى: ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى چاقى باشلىنىش توختاش سىزىقىدىن ئۆتىدۇ؛ ئىككىنچىسى: ئاپتوموبىلنىڭ كەينى چاقى باشلىنىش توختاش سىزىقىدىن ئۆتىدۇ؛ ئۈچىنچىسى: ئالدى چاق قارشى تەرەپتىكى توختاش سىزىقىدىن ئۆتىدۇ. پەقەت مۇشۇ ئۈچ پارچە رەسىم تولۇق تارتىلغاندىلا، ئاندىن قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئېنىق ئايرىپ باقايلى، قانداق بولسا قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەن دەپ ھېسابلىنىدۇ؟
ئۇنداقتا، توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتسەك قانداق قىلىش كېرەك؟
ناھايىتى ئېنىقكى، سىز قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىڭىزنى بايقىغىنىڭىزدا، ئاپتوموبىلنى كەينىگە قايتۇرسىڭىز بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەقەت ۋاقتىدا تورمۇز قىلسىڭىزلا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا نومۇر تارتىلمايدۇ. ئەمما، قائىدىگە خىلاپ ھالدا توختىغان دەپ بېكىتىلىپ، 50 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، يۇمىلاق شەكىللىك قىزىل چىراغدىن ئۆتكەندە، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىڭىزنى بايقىغان ھامان، چاققانلىق بىلەن ئوڭغا بۇرۇلسىڭىزمۇ نومۇر تارتىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋالمۇ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش جازاسىدىن مۇكەممەل ساقلىنالايدۇ، پەقەت « بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يۈرمەسلىك» بويىچە جازالىنىدۇ. ئەمما، كۈتۈلمىگەن قاتناش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، دىققىتىمىزنى چاچماسلىقىمىز ھەمدە كەيپىيات ناچار چاغدا ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەر قانچە ئالدىراش ئىشىڭىز بولسىمۇ، 60 سېكۇنت ساقلاشقا چوقۇم بەرداشلىق بېرىڭ. بولمىسا، بەلكىم مۇشۇ 60 سېكۇنتنى دەپ، كۈتۈلمىگەن قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ قېلىشىڭىز، ئېغىر بولغاندا ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎尔
制作:张伟