بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 21:00دىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 24-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە كادىز كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، شۇنداقلا 23 ئايلانما مۇسابىقىدە 47 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشتى، بۇ بارسېلونانىڭ 14 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 23 ئايلانمىدا ئەڭ تۆۋەن نومۇرغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
1:1 نەتىجىدە كادىز بىلەن تەڭلەشكەندىن كېيىن، بارسېلونا 23 ئايلانمىنىڭ 14 مەيانىدا غەلىبە قىلىپ بەش مەديانىدا تەڭلىشىپ تۆت مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى، شۇنداقلا 47 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشتى. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ بارسېلونانىڭ 2006/2007 مۇسابىقە پەسلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 23 ئايلانمىدا ئەڭ تۆۋەن نومۇر ئېلىشى بولۇپ، شۇ پەسىل رىجىكارد يېتەكلىگەن بارسېلونا 23 ئايلانمىدا 46 نومۇرغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا شۇ پەسىللىك بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشەلمىگەن.
来源:爱酷艺
监制:麦麦提江
审稿:阿米娜
稿子:乃扎