ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى :7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 00:00دە، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن مىسىر كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى بېنز تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى،بۇ مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيى كنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا تولۇق ھالەتتە ئۇيغۇرچە بىۋاستە تارقىتىلدى.دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەممە مۇسابىقىلىرى ئەلكۈيىدە تولۇق ھالەتتە بار ، قايتىلانما فىلىمىنى بۇيەرنى بېسىپ داۋاملىق كۆرسەڭلار بولىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىبراھىم كاللا توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، تالىيافىكو نۇقتا توپ ياسىدى، مېسسى نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى ۋە بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، بېل ئىككى قېتىم قالتىس ئىپادىسى بىلەن توپنى توسۇۋالدى، ئارقىدىن مېسسى تۈۋرۈك سوقتى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، ئارگېنتىنا كوماندىسى 1:0 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنىڭ ئارقىسىدا قالدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە زىكۇنىڭ كىرگۈزگەن كاللا توپى ئىناۋەتسىز قىلىندى، ئارقىدىن خاساناننىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن زىكۇ يەنە توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مېسسى پاس چىقىرىپ رومېرو كاللا توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى، مېسسى توپ كىرگۈزدى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا لاۋتارو ياردەمچى پاس چىقىرىپ ئېنزو كاللا توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى 2:3 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

ئارگېنتىنا كوماندىسى 2:3 نەتىجە بىلەن مىسىر كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئورگان تورىدا مۇسابىقە دوكلاتى ئېلان قىلدى، ئىنكاس رايونىدا نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى مۇزاكىرە قىلدى. بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى ئارگېنتىنانىڭ دەرىجە ئۆرلىگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، لېكىن يەنە نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى مىسىر كوماندىسىنىڭ ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر قىسىم ئىنكاسلار مۇنداق:
«دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس تەتۈر ئېشىش!»
«مۇبارەك بولسۇن مىسىر، ھەقىقىي يەڭگۈچىلەر سىلەر، سىلەر توپ مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋالدىڭلار!»
«بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئارگىنتىنا 12-ئادىمىنىمۇ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى.»
«مېسسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ياخشى ئوغلى»
«مىسىر ھەقىقىي يەڭگۈچىدۇر.»
«ئەمما مەن يەنىلا ئارگېنتىنانىڭ شاللانمىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال، فىرانسىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساقلايدۇ.»
«مانا بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى يان بېسىش، رېپىر ئوغرىلىق قىلىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر كوماندىغا يان بېسىۋاتىدۇ.»
«بۈگۈنكى رېپېر پۈتۈنلەي ئادىل بولمىدى، ئىزچىل ئارگېنتىناغا يان بېسىپ، مىسىرنىڭ مۇۋاپىق پۇرسىتىنى رەت قىلدى.»
«ئوغرىلار مۇسابىقىسى»!
«ناھەق مۇسابىقە».
«مۇتلەق كونترول قىلىنغان مۇسابىقە.»
«FIFAغا خەت. مەن مىسىرنىڭ توپ مەستانىسى ئەمەس. ئەگەر تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن ھۆكۈم تەستىقلانمىسا، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرمەيمەن.»
«ناھەق بولۇش ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى، چىرىك رىپىرلار مۇسابىقىنى نابۇت قىلىدۇ.»
«مىسىر FIFA بىلەن مۇسابىقىلەشتى»
«ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ فىرانسىيە vs ئارگېنتىنا مۇسابىقىسى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىڭلار!»