
بارسېلونا ئورگان تەرەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، فلىكنىڭ دادىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭدىن چوڭقۇر ھال سورىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.
بارسېلونا ئورگان تەرەپ ئېلانى تۆۋەندىكىچە:
بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبى ۋە پۈتۈن بارسېلونا چوڭ ئائىلىسى ھانس فلىكتىن چوڭقۇر ھال سورىدى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. بىز فلىك بىلەن ھېسداشلىق قىلىمىز ھەمدە بۇ قىيىن پەيتتە ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىمىز.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فلىك مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بىر نەچچە سائەت كېيىن بۇ خەۋەردىن خەۋەر تاپقان. 61 ياشلىق فلىك بۈگۈن ئەتىگەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ۋە باشقۇرۇش قاتلىمىغا بۇ شۇم خەۋەرنى بىلگەن.
فلىك يەنىلا بۈگۈن كەچتىكى خانلىق مادرىد بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە تىرېنېرلىق قىلىدىكەن، ئۇ يەنىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى خىزمەتلەرنى تاماملاشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، بارسېلونا ئۇنىڭ دادىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن قىسقا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ مۇراسىم بەلكىم پۈتۈن مەيداندا بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ياكى بارلىق توپچىلار قارا شايى تاقاش شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
5-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتىسەھەر سائەت 3:00تە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ئۇتتۇرمىسىلا مۇددەتتىن بۇرۇن بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

بۇ مۇسابىقىنى ئۇيغۇرچە كۆرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ كۆرەلەيسىز

