FIFA: بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى 6 مىليارد ئادەم كۆرىدۇ

ئەلكۈيى
2026-04-02
来源:爱酷艺

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ يازما ئېلان قىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە 6 مىليارد ئادەمنىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى، 6 مىليون ئادەمنىڭ نەق مەيداندا مۇسابىقە كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2026-يىللىق FIFA دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار تولۇق بېكىتىلىپ بولدى، ئالتە كوماندا ئاخىرقى ئورۇننى مۇقىملاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن پات ئارىدا شىمالىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقە تارىختىكى ئەڭ «كەڭ قورساق» دۇنيا لوڭقىسىغا ئايلاندى، چۈنكى جەمئىي 48 كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

ئىراق كوماندىسى مېكسىكىنىڭ مونتېررى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق FIFA دۇنيا لوڭقىسى قوشۇمچە شاللاش مۇسابىقىسىدە بولىۋىيەنى مەغلۇپ قىلىپ، I گۇرۇپپىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر سانغا ئېرىشتى، فىرانسىيە، سېنېگال ۋە نورۋېگىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىدا. شۇنىڭ بىلەن 937 كۈن داۋاملاشقان، جەمئىي 899 مەيدان مۇسابىقىنىڭ دۇنيا ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى مۇساپىسى ئاخىرلاشتى.

ياۋروپادا 16 ۋەكىللىك ئورۇننىڭ ئاخىرقى تۆتى مۇقىملاشتۇرۇلدى. چېخ، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا ۋە شىۋېتسىيە، تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. ئارقىدىن كونگو، ئىراق ئاخىرقى ئورۇننى مۇقۇملاشتۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، مىسلى كۆرۈلمىگەن 48 كوماندا 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە كانادا، مېكسىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ 16 ئاساسلىق شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 104 مەيدان مۇسابىقە تەييارلىقىنى باشلايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇسابىقە مەزگىلىدە 6 مىليوندىن ئارتۇق توپ مەستانىسى تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىدىكەن، توپ مەستانىلىرى يەنىلا مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېلەت سېتىش باسقۇچى ئارقىلىق ئورنىنى بېكىتەلەيدىكەن. بېلەت بېيجىڭ ۋاقتى 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى چارشەنبە كەچ سائەت 11:00دىن باشلاپ، FIFA ئورگان تورىدا ئالدى بىلەن ئېرىشىش ئۇسۇلى بىلەن ئاممىغا سېتىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيادىكى تەخمىنەن 6 مىليارد ئادەم ھەر خىل تاراتقۇلار ئارقىلىق بۇ مۇسابىقىگە دىققەت قىلىدىكەن، تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەككە تۈر تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ پۇتبولنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيانى بىر تۇتاش ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىكەن.

سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى بۇ FIFA دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ يېڭىلاندى.