
ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:خې جياۋلۇڭنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئىشخانىسىدا ئىدى. 2021-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى شىنجاڭنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش باش تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم قىسقا ۋىدېيولەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى پىلانلىغانىدى، مەن خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ تېما تاللىدىم.

ماتېرىيال سۈرىتى
شۇ چاغدا، خې جياۋلۇڭ ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا يېڭىلا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ ئىشخانىدا بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. «ياخشىمۇسىز، سىلەرنى قارشى ئالىمىز»، بىز بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. پاراڭچى ئۇسلۇبى ۋە يىنىك قەددى-قامىتى كۆپچىلىكتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. سۆھبەت يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز ئىلى ئوبلاستىدىكى 30 نەچچە تاللاش تېمىسىنى ئىگىلىۋالدۇق، بۇ بىر مەزگىللىك سۈرەتكە ئېلىشقا يېتەرلىك ئىدى. خې جياۋلۇڭ ۋىجىك بولسىمۇ، لېكىن زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، خىزمەتكە باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن ئىلى ئوبلاستىغا، ئاندىن ئاپتونوم رايونغا كېلىپ، ئۇ «ۋاڭخۇڭ ئېقىم مىقدارى ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى،توردا مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

1979-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان خې جياۋلۇڭ ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭنىڭ ئىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىن «ئات»كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، «تۇلپار يۇرتى»دەپ نام ئالغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاشاجار يېزىسى، قويسۇنتۇرسۇن يېزىسى، موڭغۇلكۈرە بازىرى قاتارلىق يېزا-بازارلاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە، ئات مىنىشنى ئۆگىنىۋالغان. خې جياۋلۇڭ ئات مىنىپ نام چىقارغان. 2017-يىلى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغاندىن كېيىن، ئۇ قاردا قامچا ئوينىتىپ ئات چاپتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىدىغان قىسقا ۋىدېيونى تونۇتقان.
سىرتقا تارقىتىلغان سىندا،خې جياۋلۇڭ چامباشچىلىق تىياتىرىدىكى ئايال پالۋانغا ئوخشاش، جەسۇر، قامەتلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. 2021 ـ يىلى، دەل مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقلىرى «ئىمتىھان قەغىزى»چىقىرىلغان مەزگىل بولۇپ، خې جياۋلۇڭ ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەت تەشۋىقاتىغا مەسئۇل بولدى ھەم ئۆز تاراتقۇ جەمئىيىتىنى تەشكىللەپ قۇردى.
2023 -يىلى، ئاپتونوم رايونغا يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىپ، «شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىش»رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولۇش يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 400 دىن ئارتۇق كارخانا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىسلاھاتىنى تاماملىدى. خې جياۋلۇڭ چەمبىرەكتىن چىقىپ ھازىرغىچە، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، دېھقانلارنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئىزچىل مېڭىپ كەلدى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان،ئۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا 500 مەيداندىن ئارتۇق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ساتتى، سېتىش سوممىسى 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى:«مېنىڭ مەقسىتىم ۋاڭخۇڭغا ئايلىنىش ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي تۈردە بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، موڭغۇلكۈرە ساياھىتىنى، بولۇپمۇ قىشلىق ساياھەتنى تەشۋىق قىلىش».«مەن ۋاڭخۇڭئەمەس، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغ-دەريالىرى ئەڭ چوڭ ۋاڭخۇڭ»
2025- يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خې جياۋلۇڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چوڭ تىپتىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «2025-يىل رايون يېزا ئىگىلىك سۈپەتلىك ماركىسى يىللىق كاتتا مۇراسىمى»بولدى.ئۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركا قۇرۇلۇشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرىلىق سالاھىيىتى بىلەن سۆز قىلدى. باشقىلارنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭنىڭ بايلىقى مول. لېكىن شىنجاڭدىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ داڭلىق، ئەلا، خاس مەھسۇلاتلارنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىشلەپچىقىرىپ، سېتىپ، ئەمەلىي كىرىمگە ئايلاندۇرۇش ئەڭ تەخىرسىز ئىش. ئۇ مۇنداق دېدى:«شىنجاڭچە ئالاھىدىلىكنى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش»ئۈچۈن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى «شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىدىغان»ياخشى مەھسۇلات رايون ئاممىۋى ماركىسىنى يارىتىپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىدىن سەككىزنى بەرپا قىلدى، ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق،«شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىش»نىڭ بىۋاسىتە سېتىلىش مىقدارى ھەم سېتىلىش مىقدارىغا تۈرتكە بولۇش مىقدارى 20 مىلياردتىن ئاشتى. ئۇ «ۋاڭخۇڭ » بولسىمۇ، لېكىن «ئېقىم مىقدارلىرى»نى شىنجاڭغا قالدۇرۇپ، يېزىلار ۋە دېھقانلارنى بېيىتتى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، بىز گەرچە ۋىيشىننى قوشقان بولساقمۇ، لېكىن ئەزەلدىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقمىغانىدۇق، پەقەت ئاندا-ساندا ئۇ يوللىغان دوستلار چەمبىرىكىنى ۋاراقلاپ كۆرەتتۇق، كۆپىنچىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىز ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ يېما گۇرۇھىدا 2-قېتىم ئۇچراشتۇق، ئۇ يېما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىفېڭ ئەپەندىنى بىر قارارلىق مەخسۇس زىيارەت قىلىۋاتاتتى. ئون كۈندىن كېيىن،ئۇ زىيارەت كۆرۈنۈشىنى قىسقا ۋىدېيو قىلىپ كېسىپ، «خې جياۋلۇڭنىڭ شىنجاڭدىن ھۇزۇرلىنىشى»ناملىق شىپىنخاۋغا يوللاپ، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغاندا مۇنداق بىر تەسىرات قالدۇردى:چىڭ تۇرۇشنىڭ ھەممىسىلا يىللارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، لېكىن قىزغىن سۆيۈش بولغاندىلا، ھەرقانداق ئىشتا غالىب كەلگىلى بولىدۇ. چېن جىفېڭ ئەپەندى «شىنجاڭلىق ئات باقار»پاك نىيەت بىلەن، ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى خەلق ئەلچىلىرىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، بۇ ئۇنىڭ مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا بولغان ئەڭ رومانتىك چىڭ تۇرۇشى ئىدى.

ئويلىمىغان يەردىن، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دوستلار چەمبىرىكى بولۇپ قالدى.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، خې جياۋلۇڭ بىر قېتىملىق خىزمەت جەريانىدا تاسادىپىي ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەن، گەرچە پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، يەنىلا يارىسى ئېغىر بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بەختكە قارشى 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئات بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتىسى بارلىقىنى ئېيتقان. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان بۇ شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەۋسىيە ئەمەلدارى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىسى پۈتمەس-تۈگىمەس ئىشلىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
