ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى:U 23 ئاسىيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى، ئاخىرقى ئايلانمىدا U 23 دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 0-0 نەتىجە بىلەن تايلاند كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، گۇرۇپپا بويىچە 2-لىك سالاھىيىتى بىلەن D گۇرۇپپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ چىقتى، كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم گۇرۇپپىدىن چىقىپ، 8 كۈچلۈك كوماندىغا كىردى!
1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە U 23 دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆزبېكىستان U 23 بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ۋاقتى سائەت 19:30 دا.

U 23 دۆلەت پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئوخشاش يېرىم رايوندىكى كوماندىلاردىن يەنە ۋىيېتنام U 23 ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى U 23 بار.