76 ئادەم 123:131 جاز

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:直播吧

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە 76 ئادەم كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا جاز كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. شەرقىي رايون ۋە غەربىي رايون سەركىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مەيدان مۇسابىقە نۇرغۇنلىغان ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، ئېمبىد ۋە سىمونسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن 76 ئادەم كوماندىسى ناھايىتى تېزلا مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى، لېكىم مىتچېل دەرھال كوماندىنى باشلاپ كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن تەتۈر ئاشتى، كېيىنكى چارەك مۇسابىقىدە جاز كوماندىسى ئۇدا ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ بىر مەنھەل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، 76 ئادەم كوماندىسى يەنىلا ئېمبىدنىڭ باشچىلىقىدا كەسكىن تىركەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ جاز كوماندىسى 52:61 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 76 ئادەم كوماندىسى نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ھەتتا ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە 76 ئادەم كوماندىسى قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، ئاخىرقى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالدى ۋە ئۇزارتىلما مۇسابىقىگە قەدەم قويدى، ئۇزارتىلما مۇسابىقىدە خاررىس ئۆزى يالغۇز 10 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن 76 ئادەم كوماندىسىنى باشلاپ 123:131 نەتىجىدە جاز كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جاز كوماندىسىدىن مىتچېل 33 نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ مايك كونلى 18 نومۇر ئالدى؛ گوبېرت 12 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ بوگدانوۋىچ 18 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ئىنگىرس 16 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ كىلاركسون 10 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ فېۋورس تۆت نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

76 ئادەم كوماندىسىدىن ئېمبىد 40 نومۇر، 19 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ خاررىس 22 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سىمونس 17 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ كۇررى 14 نومۇر ئالدى؛ خوۋارد 12 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟