يول ئاچقۇچىلار 106:108 قەھرىمانلار

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:直播吧

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە يول ئاچقۇچىلار كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا قەھرىمانلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. قەھرىمانلار كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندا كۆل ئادىمى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يول ئاچقۇچىلار كوماندىسى بولسا ئالدىنقى مەيداندا سېرىق ھەرە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، كۇررىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزىشى بىلەن قەھرىمانلار كوماندىسى 0:10 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى، كۇررى يەككە چارەك مۇسابىقىدە 16 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، لېكىن قەھرىمانلار كوماندىسى مۇداپىئە جەھەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن نومۇر پەرقىنى ساقلاپ قالالمىدى، يول ئاچقۇچىلار كوماندىسىمۇ ناھايىتى تېزلا تەتۈر ئېشىشنى تاماملىدى، كۇررىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 23 نومۇر ئېلىشى بىلەن قەھرىمانلار كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىر نومۇر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يول ئاچقۇچىلار كوماندىسىدىن لىلارد مەيداندىكى ئەڭ قالتىس توپچىغا ئايلاندى، ئۇ كۆپ قېتىم ھالقىلىق توپ كىرگۈزۈپ يول ئاچقۇچىلار كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگىلىدى، قەھرىمانلار كوماندىسى ئاخىرىدا ئامال قىلالمىدى، يول ئاچقۇچىلار كوماندىسى 106:108 نەتىجىدە قەھرىمانلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قەھرىمانلار كوماندىسىدىن كۇررى 35 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ بازېمور 12 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋېججىنس 14 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ گرېن بەش نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 12 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى. دارمىئان لى 10 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لۇنى توققۇز نومۇر، سەككىز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

يول ئاچقۇچىلار كوماندىسىدىن لىلارد 22 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ئانتونى 22 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ترېنت 15 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ كاۋىنتون 15 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ كانتېر 11 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟