پادىشاھ 120:123 كۆل ئادىمى

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:直播吧

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان NBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە پادىشاھ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا كۆل ئادىمى كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. پادىشاھ كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە سېرىق ھەرە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن غەربىي رايوندا 13-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، كۆل ئادىمى كوماندىسىمۇ ئالدىنقى مەيداندا قۇياش كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ غەربىي رايوندا 3-ئورۇنغا تىزىلغان، كۆل ئادىمى كوماندىسىدىن ئانتونى داۋىس، جامېس، كارۇسۇ قاتارلىقلار مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، پادىشاھ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا كۆل ئادىمى كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ 0:12 نومۇرلۇق ھۇجۇم دولقۇنى بىلەن بىراقلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، پادىشاھ كوماندىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، خىلد ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ نومۇر پەرقىمۇ تېزلا يوقالدى، ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ كوماندىسى تەتۈر ئېشىشنى تاماملىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يول ئاچقۇچىلار كوماندىسى 61:63 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىدى، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن پادىشاھ كوماندىسى 120:123 نەتىجىدە كۆل ئادىمى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پادىشاھ كوماندىسىدىن خىلد 29 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ فوكىس 23 نومۇر ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ بارنېس 20 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ بارگلى 14 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خومېس 16 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ بىلىچا ئالتە نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

كۆل ئادىمى كوماندىسىدىن شىرودېر 28 نومۇر ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خاررېل 26 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ موررىس 11 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ پوپ 10 نومۇر ئالدى؛ كۇزما 25 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟