جامېس يەنە نەچچە قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟

爱酷艺体育
2020-10-23
来源:腾讯

بۇ يىل جامېس ھاياتىدىكى 4-قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭغا ئۇلىشىپلا بىر مەسىلە كېلىپ چىقتى، يەنى سەپتىن چېكىنگىچە ئۇ زادى قانچە قېتىم ئومۇمىي چېمپىيون بولالايدۇ؟ «Clutch Points»نىڭ مۇخبىرى Dave Monaco ماقالە يېزىپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، جامېس يەنە بىر چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىنكىسىگە بىر نېمە دېمەك تەس، دەپ قارىدى.

جامېس كۆل ئادىمى كوماندىسىغا ئەگىشىپ تۆتىنچى قېتىم چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ NBA تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىدا گۇمان يوق. لېكىن مەسىلە شۇكى، ئۇنىڭ بۇ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىشقا يېتەرلىك ئىقتىدارى بارمۇ-يوق؟ يەنە قانچە قېتىم ئومۇمىي چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى جامېسقا قارىتىلغان.

جامېس توپ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى داۋاملىق قولىدا تۇتۇپ، كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى ساقلاپ قالالايدىغان كاتتىباش بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا، جامېس سەپتىن چېكىنگىچە زادى قانچە قېتىم ئومۇمىي چېمپىيون بولالايدۇ؟

1. جامېسنىڭ يېشى

جامېس ھاياتىنىڭ 17-مۇسابىقە پەسلىدە، قارىماققا يەنىلا ناھايىتى قالتىس كۆرۈنەتتى، مەيلى مۇداپىئە قىلىش بولسۇن، مەيلى «قالپاق كىيدۈرۈش» بولسۇن ياكى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان گارغا توپ كۆمتۈرۈش بولسۇن، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قېرىغانلىق ئالامىتى كۆرۈلمىدى. ئەمما، ھېچكىم يېشىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ.

2004-2005 مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچە، جامېس ئوينىغان ھېچقانداق كوماندا تۇنجى ئايلانمىدا شاللىنىپ باقمىدى. 2018-2019 مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن، ئۇ ئۇدا سەككىز يىل كوماندىنى باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. بۇ ئارتۇق بىر يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈپ، يەنە قىسقارتىلغان 2019-2020 مۇسابىقە پەسلىنى كۈتۈۋالغاندا، جامېسنىڭ قايتىدىن كۈچكە تولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. لېكىن، 2020- 2021 مۇسابىقە پەسلى كېلەر يىلى 1-ئايدا قايتا باشلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر تولۇق مۇسابىقە پەسلى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا جامېسنىڭ بۇ يىللىق مۇۋەپپەقىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ. جامېس 36 ياشقا كىرگەن يىلى، ئېھتىمال مەستانىلەر ئۇنىڭ بارغانسىرى چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىشى مۇمكىن. بۇ كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بىر «ئاستىلىغان» جامېس سەۋەبلىك پۈتۈن كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭمۇ ئاستىلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سەۋىيە يارىتالمىسا، كۆل ئادىمى كوماندىسى كېلەر يىلى بۇ يىللىق پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەكرارلىيالمايدۇ، بولۇپمۇ رىقابەت كەسكىن بولغان غەربىي رايوندا.

2.رىقابەت ۋەزىيىتى

ھازىر NBA ئاستا-ئاستا بىر قىسىم باش كۆتۈرۈپ چىققان ياش تالانتلىقلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىتتىپاققا ئايلاندى. شەرق-غەرب رايونىدا تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان بىر تۈركۈم ياش ۋاسكېتبول چولپانلىرى مەيدانغا كەلدى. جامېس كەلگۈسى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئىتتىپاقنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچىلىك ئۇنۋانىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

ئانتونى-داۋىس كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، يەنە كىلىپ بۇ خىل ئەھۋال پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە تېخىمۇ بەك كۆرۈلۈشى كېرەك. كۆل ئادىمىنى يەنە بىر قېتىم ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، جامېس داۋاملىق ھازىرقى ئەڭ ياخشى توپچىلارنىڭ بىرى بولۇپ تۇرالىشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بەزى كۈچلەر ئالدىدا، كۆل ئادىمى تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ.

كېلەر مۇسابىقە پەسىلىدە، NBA ساغلام بولغان دۇرانت، ئوۋېن قاتارلىقلارنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ياكى قايتىدىن قۇدرەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كېلەر پەسىلدە بۇ پەسىللىك مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە ئالتۇن قازغۇچىلارنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، بۇ كوماندىدىكى ئىككى ياش چولپان يوكىچ بىلەن مۇرېيمۇ كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە بۇ يىللىق پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە كۆل ئادىمىنى ئاتتىن چۈشۈرۋېتىدۇ. جامېسنىڭ كېيىنكى پەسىللىك ئومۇمىي چېمپىيونغا تۇتىشىدىغان يولى جاپا-مۇشەققەت ۋە خەۋپ-خەتەرگە تولغان.


خۇلاسە

بۇلارنى ئويلاشقاندا، جامېسنىڭ كېلەر پەسىللىك مۇسابىقىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئېھتىمال يەنە بىر قېتىملىق چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىنكىلىرىگە بىر نېمە دېمەك تەس. «ۋاقىت بوۋاي» ئەزەلدىن ھېچكىمنى بوش قويىۋەتكەن ئەمەس، جامېسمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەگەر جامېس يەنە كۆل ئادىمى كوماندىسىدا قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆل ئادىمىنىڭ يادرولۇق سەپ شەكلى ئۆزگەرمىسە، ئۇ يەنە بىر چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، ئاندىن بەش قېتىملىق چېمپىيونلۇق بىلەن سەپتىن چېكىنەلەيدۇ. لېكىن، مەيلى ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا قانچە قېتىم چېمپىيون بولسۇن، مەيلى تۆت قېتىم چېمپىيون بولسۇن، مەيلى بەش قېتىم چېمپىيون بولسۇن ياكى ئالتە قېتىم چېمپىيون بولسۇن، بىز شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت جامېسنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا گۇۋاھ بولدۇق، بۇ ئىنتايىن قالتىس ئىش!