NBA ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ 5-مەيدان مۇسابىقىسىگە نەزەر

2020-10-09
来源:

2020100919383956049.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق NBA ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ 5-مەيدان مۇسابىقىسىدە، جامېس باشچىلىقىدىكى كۆل ئادىمى كوماندىسى ئوت كوماندىسى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىدۇ. ھەر قېتىملىق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە نۇرغۇنلىغان ۋاسكېتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيا ۋاسكېتبولچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سەھنە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇسابىقە پەسلىدە ھەر قايسى كوماندىلار دائىملىق مۇسابىقە ۋە پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەرنى تاماملاپ، ئەڭ ئاخىرقى شان-شەرەپ بولغان چېمپىيونلۇق تالىشىش باسقۇچىغا كەسكىنكىك بىلەن تىركەشمەكتە. بولۇپمۇ بۇ يىللىق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتقا قەدەم قويغان بولۇپ، ئىككى كوماندا ئالدىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە كەسكىن تىركەشتى، كۆل ئادىمى كوماندىسى ھازىر 1:3 ئومۇمىي نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشكە پەقەت بىر قەدەملا قالدى.

2020100919392992071.jpg         

كۆل ئادىمى كوماندىسىنىڭ ئالدىنقى قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ۋاقتى 2010-يىلى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا كوبى باشچىلىقىدىكى كۆل ئادىمى كوماندىسى كېلىتلىقلار كوماندىسى بىلەن ئۇدا يەتتە مەيدان كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق كوماندا تارىخىدىكى 16-قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. بۇ ئىشلارغا ئاللىقاچان 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، كۆل ئادىمى كوماندىسى ۋە مەستانىلەر بىر قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ھەقىقەتەن تەقەززا بولماقتا. كۆل ئادىمى كوماندىسىدىن ئانتونى داۋىسمۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى چېمپىيونلۇق ئۈچۈن زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە جامېس 28 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، كۆل ئادىمى كوماندىسى ئۆزىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئىپادىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە جارى قىلدۇرۇپ ئاخىرىدا مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى نامايەن قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئانتونى داۋىس 22 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، شۇنداقلا مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى 40 سېكۇنتىدا ھالقىلىق ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى.

2020100919394149977.jpg

ئوت كوماندىسىدىن باتلېر ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە 22 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ياش توپچى خىررو 21 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، يارىسى ساقىيىپ مەيدانغا چىققان ئادېبايو 15 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

ئىككى تەرەپنىڭ كەسكىن تىركىشى 5-مەيدانغا قەدەم قويدى، كۆل ئادىمى كوماندىسى كوماندا تارىخىدىكى 17-قېتىملىق چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشكە پەقەت بىر قەدەم قالدى، ئەگەر ئۇلار بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە، ئۇنداقلا ئۇلار بىرلەشمە تارىخىدا كېلىتلىقلار كوماندىسى بىلەن ئوخشاشلا 17 قېتىم چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالىدۇ.