ESPN نىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئېلىشىش مۇخبىرى تايسوندىن ئەگەر لى شياۋلۇڭ بىلەن ئېلىشسىڭىز، ئۇنى يېڭەلەمسىز؟ دەپ سورىدى. تايسون لى شياۋلۇڭنى يېڭىشنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قىلچىلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ لى شياۋلۇڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ ياتقۇزۇپ قويۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېيتتى.
تايسون مۇنداق دېدى: «مەن لى شياۋلۇڭنى ھۆرمەتلەيمەن، لېكىن ئەگەر سىز چوقۇم سېلىشتۇرۇپ باقىمەن دېسىڭىز، مېنىڭ بەدەن شەكلىم بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ، مەيلى بوكس قائىدىسى بويىچە بىر مەيدان مۇشت ئېتىشساق ياكى كوچىدا ئېلىشىش بولسۇن، ئۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ھالەتتىكى لى شياۋلۇڭ بولغان تەقدىردىمۇ، مەن ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويالايمەن».
تايسوننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 105 كىلوگىرام ئەتراپىدا، لى شياۋلوڭنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 70 كىلوگىرامغا يەتمەيدۇ، كۈچ سىناش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تايسوننىڭ بىر مۇشتىنىڭ كۈچى 400 كىلوگىرامدىن يۇقىرى ئىكەن.