بوكس چېمپىيونىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ زادى قانچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن؟

ئەلكۈيى تورى
2020-10-09
来源:تېڭشۈن تورى

2019110212363630634.jpg

ئىگىلىشىمىزچە مەمەتتۇرسۇن چوڭ ھازىر دۆلەت بوكس كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە، خەينەندە 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋۇخەندە باشلىنىدىكەن.

ھازىر خەينەندە ئولىمپىك سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بوكس چېمپىيونىمىز مەمەتتۇرسۇن چوڭ شىنجاڭ تەنتەربىيە تورى ئۈندىدار سالونىنىڭ يانفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى سالاھىيەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا يەنە ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، مەن بۇ ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا زېھنىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن.»

2019110212363165780.jpg

مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 31 ياشلىق مەمەتتۇرسۇن چوڭغا نىسبەتەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بوكس تەنھەرىكىتىگە بېغىشلاپ، مەملىكىتىمىزگە جۈملىدىن شىنجاڭغا تەنتەربىيە ساھەسىدىن كۆپ قېتىم زور شان-شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى.

مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىر ئولىمپىك مىدالىنى قولغا كەلتۈرۈش، مەمەتتۇرسۇن چوڭ مەملىكەت ۋە ئاسىيا قىتئەسى بوكس سەھنىسىدە، ھەر قانداق بىر بوكسچى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بارلىق شان-شەرەپ، نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا پەقەت بىر ئولىمپىك مىدالى كەم بولۇپ قالدى. مەمەتتۇرسۇن چوڭ كەسپى ھاياتىدا 42 ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇ ئاللىقاچان شىنجاڭ بوكس تارىخىدىكى رىۋايەتلىك شەخسكە ئايلىنىپ بولدى. مەمەتتۇرسۇن چوڭنى ئۇتۇق قازانغان كەسپى بوكس تەنھەرىكەتچىسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

2019110212364161786.jpg

مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ كەسپى ھاياتىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە نەزەر!

مەمەتتۇرسۇن چوڭ 1988-يىلى قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىنىڭ باغچى يېزىسىدا تۇغۇلغان . 2001-قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىگە تاللىنىپ بوكس تۈرىدە مەشىق قىلغان. 2002-يىلى 7-ئايدا ئاتۇشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 54 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللانغان.

2002-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىدە 57 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن.

2003-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنھەرىكەت يىغىنىدا 60 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2003-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2004-يىلى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونۇم رايونلۇق بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسدە 66 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2004-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكالىتەن ۋېيتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 60 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدال ئالغان.

2004-يىلى شەنشى ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2005-يىلى ئەنخۇيدە ئۆتكۈزۈلگەن مەمىلكەتلىك ياشلار بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2006-يىلى قازاقستاننىڭ چىمكەنىت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چىمكەنىت چېمپىيونلۇقىنى تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2006-يىلى شىنجىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەمىلكەتلىك بوكس لەۋھە تالشىش مۇسبىقسىدە 5-بولغان.

2006-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2006-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق تەنھەرىكەت يىغىنىدا 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2006-يىلى مەملىكەتلىك سەرخىللار بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2006-يىلى مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدال ئالغان.

2006-يىلى ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بوكس لوڭقىسىنى تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كوللىكتىپ 5-بولغان.

2006-يىلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ياشلار تەكلىپ بوكس مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان .

2007-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2007-يىلى مەمىلكەتلىك سەرخىللار بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2007-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2007-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن موڭغۇلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2007-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن.

2007-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن گۈيجۇ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا، قازاقىستان، جۇڭگو ئۈچ دۆلەت كۈچ ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2008-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تايلانتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىتئەسىدىن ئولىمپىكقا تاللاش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدالغا ئېرىشىپ 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

2008-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن تايلانت بوكس پادىشاھلىقىنى تالشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2008-يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2008-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2019110212365169379.jpg

2008-يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2008-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالشىش مۇسابىقىسىدە 5-بولغان .

2009-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2009-يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2009-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 64 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2010-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2010-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

2010-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2010-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسى بىلەن جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى كۈچ ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2010-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2011-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2011-يىلى گۈيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاشكارا مۇسابىقىسىدە 96 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2011-يىلى شىنجاڭ ئاقسۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزبىكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، جۇڭگو شىنجاڭ كوماندىسى تۆت دۆلەت كۈچ ئىلشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2011-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2011-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئەزەربەيجاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2012-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2019110212365796895.jpg

2012-يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا مىس مىدال ئالغان.

2012-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىتئەسىدىن ئولىمپىكقا تاللاش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولۇپ 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن.

2012-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2012-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2013-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2013-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىئوردانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا 5-بولغان.

2013-يىلى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2013-يىلى دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2019110212370482307.jpg

2014-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا كۈمۈش مىدال ئالغان.

2014-يىلى شىنجاڭ غۇلجا قورغاستا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە، تۈركمەنىستان، قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2014- يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 5-بولغان.

2015-يىلى دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن بۇلغارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە مىس مىدال ئالغان.

2015-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2015-يىلى شىنجاڭ تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلگەن قازاقىستان ئالماتا كوماندىسى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ كوماندىسى كۈچ ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

2015-يىلى شىنجاڭ تۇرپان پىچاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنخۇي، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭ ئۈچ كوماندا كۈچ ئېلىشىش مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا چېمپىيون بولغان.

‏2015-يىلى مەمىلكەتلىك ئەرلەر بوكس لەۋھە تالشىش مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدال ئالغان.

2016-يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتنىڭ غەربى رايونى بوكس مۇسابىقىسىدە 69 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسدا چېمپىيون بولغان.

2016-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن (ئەلرام لوڭقىسىنى) تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2016-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن (شىنلى شېجا) كەسپى بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2016-يىلى رۇسىيەنىڭ داغىستان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن.

2016-يىلى رۇسىيەنىڭ ئومىسكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2016-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان.

2017-يىلى 2-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان.

2017-يىلى 4-ئايدا گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى، 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2017-يىلى 5-ئايدا قازاقىستاننىڭ ئاتىراۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان.

2017-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە كوللېكتىپ چېمپىيون بولغان.

‎2017-يىلى 8-ئايدا تىيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان.

2017-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو بوكس پادىشاھى بولغان.

2019110212370944055.jpg

2018-يىلى 4-ئايدا خەينەننىڭ لىنگاۋ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2018-يىلى 5-ئايدا ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسدە چېمپىيون بولغان.

2018-يىلى 6-ئايدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە 5-بولغان.

2018-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2019-يىلى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.

2019-يىلى تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگە ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىس مىدال ئالغان.

2019-يىلى دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن رۇسيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

2019110212371321233.jpg

مەمەتتۇرسۇن چوڭنىڭ بوكس ھاياتى ئەنە شۇنداق شانلىق نەتىجىلەر بىلەن تولغان! بۇ بوكس چېمپىيونىمىزنىڭ نەتىجىلىرىدىن پەخىرلەنگەن بولسىڭىز، بۇ يازمىنى كۆپلەپ تارقىتىڭ! ئۇلارمۇ سىز بىلەن بىرلىكتە پەخىرلەنسۇن!