سانت ئېتېننې 1:1 پارىژ سانت گېرمان

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2021-01-07
来源:ئەلكۈيى تورى

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى فرانسىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 18-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە گېئوفروي گيۇچارد توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، سانت ئېتېننې ساھىبخان مەيداندا پارىژ سانت گېرمان بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سانت ئېتېننې كوماندىسىدىن موكوندىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، پارىژ سانت گېرماندىن مويسې كېننىڭ تەپكەن توپىنى، ماركىنھوسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، سانت ئېتېننې كوماندىسىدىن خاموما بىر توپ كىرگۈزدى، ئارىدىن ئۈچ مىنۇت ئۆتۈپ، پارىژ سانت گېرماندىن مويسې كېن بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مباپپې بىلەن مويسې كېننىڭ تەپكەن توپى نىشانغا تەگمىدى، سانت ئېتېننېدىن بوئانگانىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە سانت ئېتېننې بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى سانت ئېتېننې ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، موكوندىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، پارىژ سانت گېرماندىن مويسې كېننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ماركىنھوسنىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 19 مىنۇت بولغاندا سانت ئېتېننې بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، سانت ئېتېننې ھۇجۇم تەشكىللەپ، بوئانگانىڭ پاس بېرىشى بىلەن خاموما چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن ئۈچ مىنۇت ئۆتۈپلا پارىژ سانت گېرمان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋېراتتىنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مويسې كېن قاپقا ئالدىدا كەينىگە ئۆرۈلۈپلا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ، پارىژ سانت گېرمان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مباپپېنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، سانت ئېتېننېدىن بوئانگانىڭ ئۈسكەن كاللا توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا پارىژ سانت گېرمان قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە سانت ئېتېننې بىلەن تەڭلىشىپ، پوچېتتىنو ئۆزىنىڭ فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى غەلىبە بىلەن باشلىيالمىدى.