پارىژ سانت گېرمان vs لېيپزىگ قىزىل كالا مۇسابىقىسىگە نەزەر

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
来源:جىبوبا تورى


بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر 4:00تىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسىدا، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا مەيداندا لېيپزىگ قىزىل كالا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. چېلسى ھازىر ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى ئورۇندا، لېيپزىگ قىزىل كالا بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 2-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلغان، ئۇنداقتا پارىژ سانت گېرمان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتىرى: ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 4-ئايلانمىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر 4:00

مۇسابىقە ئورنى: شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانى


كۆرۈش نۇقتىسى 1: نېيمار قايتىپ كەلدى، پارىژ سانت گېرمان ئۆز مەيدانىدا غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

ئۈچ ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن پارىژ سانت گېرماننىڭ ئىپادىسى كىشىلەرنى رازى قىلالمايدۇ، ئۇلار ئۈچ ئايلانمىدا ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ كەينىدە تۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2-3 نەتىجىدە موناكوغا ئۇتۇرۇپ قويۇپ، كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھى زەربىگە ئۇچرىدى، لېكىن بۇ كوماندىدىكى توپچىلارنىڭ كۆپ يارىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، باش ترېنېر تۇخېل شۇ مەيدان مۇسابىقىدە يارىسى ساقىيىپ قايتىپ كەلگەن نېيمارنى ئاساسلىق ئەزا قىلمىدى. بىراق پارىژ سانت گېرمان بۇ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ھالقىق مۇسابىقىنى كۈتىۋالىدۇ، مۇسابىقىدىن ئىلگىرى تۇخېل نېيمارنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەگەر پارىژ سانت گېرمان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالمىسا، كوماندىنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەھۋالى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، بەلكىم شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن.


كۆرۈش نۇقتىسى 2: لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ مېھمان مەيدان نەتىجىسى ياخشى ئەمەس

بۇ پەسىلنىڭ بېشىدا لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولغان، شۇنداقلا 10 ئايدىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ئوينالغان تۆت مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلغان، لېكىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چوڭ نومۇر پەرىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان. 11-ئاي كىرگەندىن كېيىنكى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە بولسا، ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ بىر مەيدان مەغلۇپ بولغان، شۇنداقلا مېھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبە قىلالمىغان، يەنى مېھمان مەيداندا مونشېدگىلادباخقا ئۇتتۇرۇپ، فرانكفورت بىلەن تەڭلەشكەن، ئەگەر مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىنى قوشقاندا، مېھمان مەيداندا ئۇدا ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلالمىغان. لېيزىگ قىزىل كالا كوماندىسى بۇ قېتىم شاھزادە باغچىسى مەيدانىدا پارىژ سانت گېرمان بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە نومۇر ئالالىسا، گۇرۇپپىدىن چىقىش جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.