پارىژ سانت گېرمان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلماقتا

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
来源:تېڭشۈن تورى

سىنا تورى 24-نويابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە پارىژ شاھزادە باغچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، پارىژ سانت گېرمان ساھىبخان مەيداندا گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن لېيپزېگ قىزىل كالا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، ئالدىنقى ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا لېيپزېگ قىزىل كالىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۆز گۇرۇپپىسىدا ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، جىددىي بىر مەيدان غەلبىگە ئىھتىياجلىق پارىژ سانت گېرمان كوماندا ترېنېرى تۇخېلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەستايىدىل مەشىققە قاتناشتى، ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە يارىلىنىش سەۋەپلىك مۇسابىقىگە چۈشەلمىگەن نېيمار، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيدانغا چۈشىدىغان بولۇپ، بۇمۇ پارىژ سانت گېرماننىڭ ھۇجۇم سېپىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئېنىقكى ساھىبخان مەيدانغا قايتىپ كەلگەن پارىژ سانت گېرمان بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر نىشانى غەلىبە، ئۇلارنىڭ مەشىقتىكى ھالىتىدىن غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.