مباپپې پارىژ سانت گېرمان بىلەن توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلدى

爱酷艺体育
2020-10-21
来源:直播8

فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى مباپپې ئىزچىل توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلىۋاتقان بولۇپ، شۇڭلاشقا لىۋېرپول، خانلىق مادرىد، ھەتتا بارسېلونامۇ ئۇنى قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دىققەت قىلماقتا.

مباپپې ۋە پارىژ سانت گېرمان ئوتتۇرىسىدىكى توختام مۇددىتى 2022-يىلى 6-ئايدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان پارىژ سانت گېرمان مباپپې ئۈچۈن كۆپ قېتىم يېڭى توختام تەييارلىغان بولسىمۇ، لېكىن مباپپې يەنىلا توختام ئۇزارتىشنى رەت قىلغان.

ئىگىلىنىشچە، 21 ياشقا كىرگەن بۇ فىرانسىيەلىك ھۇجۇمچىنىڭ پارىژ سانت گېرمان بىلەن توختام ئۇزارتىپ كوماندىدا قېلىش ئويى يوق بولۇپ، ئۇ ئىزچىل خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا پارىژ سانت گېرمان بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن چوقۇم ئۇنى سېتىپ قولدىن چىقىرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھازىر كۆپلىگەن زەردارلار مباپپېنى قوشۇۋېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ، خانلىق مادرىدتىن باشقا يەنە بارسېلونا ۋە لىۋېرپولمۇ مباپپېغا دىققەت قىلماقتا.