بېنزېما بىلەن كاكانىڭ خانلىق مادرىدتىكى ھەمكارلىقىغا نەزەر

ئادىلە
2022-07-26
来源:جىبوبا

ى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىسە، بېنزېما بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، بۇ فىلورېنتىنونىڭ 2009-يىلى يازدا خانلىق مادرىدقا ئىككى قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى ۋە بىر قېتىم كېيىنكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2012/2013 مۇسابىقە پەسلى كاكانىڭ خانلىق مادرىدتىكى ئەڭ ئاخىرىقى مۇسابىقە پەسلى، بۇ پەسىل مودرىچمۇ خانلىق مادرىدقا قوشۇلدى، رونالدو، كاكا، مودرىچ ۋە بېنزېما، ھازىر قارايدىغان بولساق، بۇ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغان تۆت نەپەر گىگانت چولپاننىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان مۇسابىقە پەسلى ھېسابلىنىدۇ.

(2012-يىلى 12-ئايدىكى ئاجاكس بىلەن ئوينىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە كاكا، بېنزېما، مودرىچ ۋە كىرىستىيانو رونالدو تەڭلا مەيدانغا چۈشكەن)

تارىختا تۆت نەپەر ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن توپچىلارغا ئېرىشكەن كوماندا ئاز ئۇچرايدۇ، 2004/2005 مۇسابىقە پەسلىدىكى خانلىق مادرىد ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن زىدانى، رونالدو، فىگو ۋە ئوۋېن قاتارلىق تۆت توپچى بىر يەرگە جەم بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا مانچېستېر بىرلەشمىسى تارىخىدا دېنىس لاۋ، بوبى چارلتون ۋە جورج بېست ئۈچەيلەن تۆت يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تارىختا ئاز ساندىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئۈچ كىشىلىك ھۇجۇم سېپىنى ھاسىل قىلغان.

كاكا خانلىق مادرىدتىكى ۋاقتىدا پورتۇگالىيەلىك توپچىلار بىلەن يېقىن ئۆتكەن، نەچچە يىل ئىلگىرى دۆلىىتمىزگە كېلىپ پىروگراممىغا قاتناشقان، ئۇ پىروگراممىدا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىرىستىيانو رونالدو، مارسېلو، پېپې، كوئېنتراۋ قاتارلىق پورتۇگالىيە تىلى سىستېمىسىدىكى توپچىلار بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇنىڭدىن باشقا، بېنزېمامۇ ئۇلارنىڭ بىرى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كاكا بىلەن بېنزېمانىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى. بۇ يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە نەق مەيدانغا بېرىپ مۇسابىقە كۆرگەن كاكانىڭ مۇسابىقىدىن كېيىن بېنزېما بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرغان سۈرىتىمۇ ئالاقە تورىدا يۇقىرى دولقۇن قوزغىغان بولۇپ، ئىككەيلەن ئون يىل بۇرۇن بىر مەيداندا ھەمكارلاشقان كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلەتكەن.

لېكىن، ئەينى يىلى بېنزېما تېخى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇپ، كاكا بولسا يارىلىنىش سەۋەبلىك ئەمەلىي كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن. كاكا 2011-يىلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بېنزېماغا مۇنداق باھا بەرگەن:«ئۇ ناھايىتى قالتىس توپچى، ئۇنىڭ تېخنىكىسى ناھايىتى ياخشى، لېكىن بەزىدە ئۇ دىققىتى چېچىلىپ، مۇسابىقىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئېنىقكى ئۇ يەنە كوماندا ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كىشىلەر ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلايدۇ.»

ئەينى يىللاردىكى كاكا بىلەن بېنزېما قانداق توپ تەپكەن؟ قېنى بىز بىرلىكتە بۇ ئىككەيلەننىڭ يەتتە قېتىم ھەمكارلىشىپ كىرگۈزگەن توپلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، خانلىق مادرىد 1:1 AC مىلان، كاكانىڭ 29-مىنۇتتا تەپكەن توپى توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن بېنزېما قايتقان توپنى تېپىپ بىر توپ كىرگۈزگەن

2. 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 37-ئايلانمىسى، خانلىق مادرىد 1:5 بىلباۋ ئاتلېتكا، رونالدو مۇسابىقىنىڭ 81-مىنۇتىدا كاكاغا پاس بەرگەن، كاكا بېنزىمانىڭ توپ كىرگۈزىشىگە ياردەمچى پاس چىقارغان

3. 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، خانلىق مادرىد 0:3 ئاجاكس، 49-مىنۇتتا كاكا ياردەمچى پاس چىقىرىپ بېنزېما كوماندىنىڭ 3-توپىنى كىرگۈزگەن

4. 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى، خانلىق مادرىد 0:3 گىرېتسىيە ئاتلېتكا، مۇسابىقىنىڭ 74-مىنۇتىدا كاكانىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن بېنزېما كوماندىنىڭ تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن

5. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى، خانلىق مادرىد 1:4 ئاجاكس، كاكا مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا بېنزېمانىڭ كىرگۈزگەن تەتۈر ئىلمەك توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

6. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى شاھلىق لوڭقىسى 4-ئايلانمىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى، خانلىق مادرىد 1:4 ئالكويانو، بېنزېما 34-مىنۇتتا كاكانىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

7. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 34-ئايلانمىسى، خانلىق مادرىد 3:4 ۋاللادولىد، بېنزېما 49-مىنۇتتا كاكانىڭ كىرگۈزگەن توپىغا ياردەمچى پاس چىقارغان

ئىككەيلەننىڭ قولغا كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلىرى: ئىككەيلەن ئوخشاش ۋاقىتتا 74 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، خانلىق مادرىد 52 قېتىم ئۇتۇپ سەككىز قېتىم تەڭلەشكەن ھەمدە 14 قېتىم ئۇتتۇرغان، غەلىبە قىلىش نىسبىتى %70كە يەتكەن، كاكا بۇ مۇسابىقىلەردە 17 توپ كىرگۈزۈپ 24 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان، بېنزېما 39 توپ كىرگۈزۈپ 27 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان