بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەر 1:00دىكى گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 14-ئايلانمىسىدا بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا ماينز بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، ھەر ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، سانې بىلەن تولىسسو ئارقا-ئارقىدىن ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى، كېيىن ماينز ھۇجۇمچىسى بۇركارد پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىن خارك يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى زورايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ماينز 0:2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، ئالدى بىلەن كىممىچ ۋە سانېنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بايرېن مىيۇنخېن نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، كېيىن سۇلې چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزدى، 74-مىنۇتتا، لېۋاندوۋىسكى نۇقتا توپ كىرگۈزدى، كېيىن 83-مىنۇتتا، لېۋاندوۋىسكى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا، بايرېن مىيۇنخېن 2:5 نەتىجىدە ماينزنى مەغلۇب قىلىپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىغا قايتىدىن چىقتى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا، بۇركارد چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قاپقىغا ھۇجۇم قىلدى، نويېر ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن توپنى توسۇۋالدى، 8-مىنۇتتا، لېۋاندوۋىسكى ياردەمچى پاس بەردى، سانېنىڭ تەپكەن توپىنى قارشى تەرەپ قاپقىچىسى توسۇۋالدى، 15-مىنۇتتا، تولىسسونىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەپكەن توپى يان تەرەپتىن چىقىپ كەتتى، 31-مىنۇتتا، ماينز ئارقا مەيداندىن توپ تاشلىدى، بۇركارد چەكلەن رايون ئىچىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزدى، 35-مىنۇتتا، لېۋاندوۋىسكىنىڭ كۈچەپ تەپكەن توپىنى قارشى تەرەپ قاپقىچىسى توسۇۋالدى، كېيىن ماينز ئىختىيارىي توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ كوماندىنىڭ بېكى خاك كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:2 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 47-مىنۇتتا، ماينز توپچىسىنىڭ تەپكەن توپى قاپقىغا تېگىپ چىقىپ كەتتى، 50-مىنۇتتا، كىممىچ كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، 55-مىنۇتتا، بايرېن مىيۇنخېننىڭ يان ھۇجۇمچىسى سانې بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نومۇرىنى تەڭلەشتۈردى، 59-مىنۇتتا ماينز توپچىسىنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدا تەپكەن توپى يەنە بىر قېتىم قاپقىغا تەگدى، 69-مىنۇتتا بايرېن مىيۇنخېننىڭ بېكى سۇلې چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، كوماندىنى نومۇر ئۈستۈنلىكىگە ئىگە قىلدى، 74-مىنۇتتا گىنابرى نۇقتا توپ ياسىدى، لېۋاندوۋىسكى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى. 83-مىنۇتتا توماس مۇللېر يان تەرەپتىن ياردەمچى پاس بەردى، لېۋاندوۋىسكى يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا، بايرېن مىيۇنخېن 2:5 نەتىجىدە ماينزنى مەغلۇب قىلىپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچىلىك ئورنىغا قايتىدىن چىقتى.