بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دە ئۆتكۈزۈلگەن 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسى 11-ئايلانمىسىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا گېنويا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىدى، گېنويانىڭ مۇداپىئەسىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى؛ كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دىبالا بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى، ستۇرارو بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى، يۇۋېنتۇسنىڭ ئىككى توپ ھېساب قىلىنمىدى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە كۇادرادو بىلەن موراتا نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى، كرىستىيانو رونالدو ئارقا-ئارقىدىن ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزدى. كرىستىيانو رونالدو بارسېلونا بىلەن ئوينىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىمۇ ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزگەن، بۇ ئۇنىڭ ئۇدا ئىككى مەيدان ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزۈشى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن گېنويانى مەغلۇپ قىلدى، ھازىر 23 نومۇر بىلەن بىرلەشمىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كۆپ قېتىم ھۇجۇم پۇرسىتىگە ئېرىشتى، 1-مىنۇتتا بونۇچى توپنى ئۈسسۈپ قاپقا ئالدىغا يەتكۈزدى، رابىئوت توپنى قولى بىلەن قاپقىغا كىرگۈزدى، باش رېپىر بۇ توپنى ھېساب قىلمىدى ھەمدە رابىئوتقا سېرىق كارتا چىقاردى. 31-مىنۇتتا چىئېسا كرىستىيانو رونالدونىڭ پاسىنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە قاپقىغا توپنى تەپتى، لېكىن پېرىن توپنى توسۇۋالدى. 45-مىنۇتتا دىبالانىڭ يىراقتىن تەپكەن توپىمۇ توسۇۋېلىندى، گېنويا 0:0 يۇۋېنتۇس.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس مۇسابىقىنى كونترول قىلىشقا باشلىدى، 46-مىنۇتتا بونۇچىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن توپ تاشلىشى بىلەن كرىستىيانو رونالدو توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايونى كىردى، لېكىن تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، 56-مىنۇتتا ماككېننىنىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن دىبالا چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە توپ كىرگۈزدى، 59-مىنۇتتا كرىستىيانو رونالدونىڭ ياردەمچى پاس چىقىرىشى بىلەن چىئېسا بىر توپ كىرگۈزدى، لېكىن باش رېپىر ئوفسايت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بۇ توپنى ھېساب قىلمىدى. 61-مىنۇتتا ستۇرارو بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى، گېنويا 1:1 يۇۋېنتۇس.
ئارقىدىن يۇۋېنتۇسنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمى يەنىلا توسۇۋېلىندى، 65-مىنۇتتا كرىستىيانو رونالدونىڭ تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، دىبالا قايتۇرۇپ ئىلمەك توپ تېپىپ توپنى قاپقىغا كىرگۈزدى، لېكىن باش رېپىر يەنىلا ئوفسايت سەۋەبلىك بۇ توپنى ھېساب قىلمىدى. 76-مىنۇتتا كۇادرادو چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە يىقىتىۋېتىلدى، كرىستىيانو رونالدو نۇقتا توپنى كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇسنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، 88-مىنۇتتا پېرىن چەكلەنگەن رايونى ئىچىدە موراتانى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، كرىستىيانو رونالدو بۇ نۇقتا توپنىمۇ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ يۇقىرىلاتتى. ئاخىرىدا، يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:3 نەتىجە بىلەن گېنويانى مەغلۇپ قىلدى.