توڭشى 105:82 لياۋنىڭ

ئەلكۈيى
2021-03-17
来源:جىبوبا

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە توڭشى كوماندىسى بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى ئۇچراشتى، مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى كوماندا كەسكىن تىركەشتى، ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىكى پەرق ناھايىتى تېزلا نامايەن بولدى، لياۋنىڭ كوماندىسى مەيلى ھۇجۇم ياكى مۇداپىئە بولسۇن توڭشى كوماندىسىغا زور بېسىم قىلدى، توڭشى كوماندىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، لېكىن لياۋنىڭ كوماندىسى ئىزچىل رەقىبىگە پۇرسەت بەرمەي، ئاخىرىدا 82:105 نەتىجىدە توڭشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، توڭشى كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇدا 11 مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لياۋنىڭ كوماندىسىدىن خەن دېجۈن 13 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ۋۇ چاڭزې 14 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاۋ جىۋېي 18 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ جېنلىن توققۇز نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گو ئەيلۇن 19 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ فۇ خاۋ 16 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.

توڭشى كوماندىسىدىن مولترې 24 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ياڭ خاۋجې 20 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان بەش نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ چياۋ ۋېنخەن بەش نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۈن سىياۋ 11 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟