لياۋنىڭ 115:124 گۇاڭدوڭ

ئەلكۈيى
2021-03-09
来源:头条

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 19:35تە ئوينالغان بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدوڭ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. ئىككى كوماندا تۆت چارەك مۇسابىقىدە 107:107 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالغاچقا قوشۇپ بېرىلگەن باسقۇچقا قەدەم قويدى، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، لياۋنىڭ كوماندىسى 115:124 نەتىجىدە گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى، شۇنداقلا گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا 15 مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمىنىمۇ ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لياۋنىڭ كوماندىسىدىن مېئو بەش نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خەن دېجۈن 14 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە ئىككى قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ گو ئەيلۇن 28 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 14 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ جېنلىن 46 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاۋ جىۋېي 15 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە بەش قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ جۇ روڭجېن سەككىز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ فۇ خاۋ ئالتە نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

گۇاڭدوڭ كوماندىسىدىن ۋېمىس 35 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جوۋ پېڭ توققۇز نومۇر، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بېرىپ، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خۇ مىڭشۈەن 20 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاۋ رۈي سەككىز نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدەبىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ رېن جۈنفېي 12 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ شۈ جيې 18 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟