CBA دىكى ئپادىسى قالتىس بولغان ماھىرلار

ئەلكۈيى
2021-02-03
来源:ۋاڭيى

640-24.gif

640-59.png



مۇسابىقە پەسلىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، CBA بىرلەشمىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزالارنى سەپلەش ۋە توختام تۈزۈش خىزمىتى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ناھايىتى ئاز ساندىكى كوماندىلارلا يېڭى چەت ئەللىك ماھىرلار بىلەن توختام ئىمزالاپ، كوماندىغا قوشۇۋالدى، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى چەت ئەللىك ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقى بۇرۇنقى مۇسابىقە پەسلىدىكىگە يەتمىدى، چۈنكى ھەر قايسى كۇلۇبلار ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى مۇسابىقىلەرنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يەرلىك توپچىلارنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشەندى، شۇنداقلا يەرلىك توپچىلارنى يېتىشتۈرۈشنى زورايتتى.
گەرچە بەزى كوماندىلارنىڭ چەت ئەللىك ئەزا ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تامامەن يەتسىمۇ، لېكىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ھەر بىر كوماندىدا كۆپلىگەن ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. تۆۋەندىكىلەر بولسا بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەمەلىي كۈچى CBA بىرلەشمىسى بويىچە ئالدىنقى بەش قاتاردا تۇرىدىغان چەت ئەللىك ئەزالار رەت تەرتىپى:

1. جونېس (جىلىن كوماندىسى)
بۇ ماھىر مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە بەش مەيدان مۇسابىقىدە 50دىن يۇقۇرى نومۇر ئېلىشتەك قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇردى، ئۇنىڭغا نىسبەتەن 30 ياكى 40 نۇمۇر ئېلىش ئادەتتىكىچە ئىش بولۇپ قالدى، ئادەمنى تېخىمۇ قايىل قىلىدىغىنى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئپادىسى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جونېس گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 34 نومۇر، 10 گاردىن قايتقان توپ، 10 ياردەمچى پاس ۋە 43 نومۇر، 14 گاردىن قايتقان توپ، 13 ياردەمچى پاس بېرىشتەك ئۈچ قوش نەتىجە يارىتىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، ھەتتا نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ۋە تورداشلار جونېسنى ماختاپ، گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى مەسخىرە قىلدى. جونېس بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھەر مەيدان مۇسابىقىدە ئوتتۇرىچە ھېسابتا 39 نومۇر، 11.3 گاردىن قايتقان توپ، 8.2 ياردەمچى پاس بېرىشتەك قالتىس بولغان سانلىق مەلۇمات ياراتتى.

2. برۇكس (گۇاڭدوڭ كوماندىسى)
برۇكس بولسا CBA بىرلەشمىسىنىڭ «ئۈنۈم شاھى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ يەنىلا بىرلەشمىدىكى ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ماھىر. ئەينى ۋاقىتتا CBA بىرلەشمىسىگە يېڭى كەلگەندە باشقا كوماندىلار تاللىمىغان چەت ئەللىك ماھىر ئىدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسىغا بارغاندىن كېيىن جانلىنىپ كەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ، كوماندىدا يى جيەنليەن كەمچىل ئەھۋالدىمۇ يەنىلا بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، برۇكس بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25.9 نومۇر، 3.6 گاردىن قايتقان توپ، 3.9 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك سانلىق مەلۇمات ياراتتى.

3. مېئو (لياۋنىڭ كوماندىسى)
ئاز بولمىغان توپ مەستانىلىرى ۋە تورداشلار لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىشى، كۆپىنچە يەرلىك توپچىلارنىڭ قالتىس ئپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تايىنىدۇ، مېئو بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مېئونىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ئادەتتىكىچە دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن ئېيتقاندا مېئونىڭ ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىدا يەنىلا مەسىلە يوق، مېئونىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ئاز، لېكىن بۇ پەقەت لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ يەرلىك توپچىلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ، يەرلىك توپچىلارنى ھۇجۇم يادروسى قىلىشى، شۇنداقلا مېئونى ئالاھىدە ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىپ ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، مۇسابىقە غەلبىسىگە ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

قانداقلا بولمىسۇن مېئو ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئىسپاتلاپ بولغان. ئۇ پەقەت كوماندىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئۆزىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى تەڭشەپ ئوينىيالايدۇ. مېئو بۇ مۇسابىقە پەسلى ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە ھېسابتا 21.5 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ، 3.2 ياردەمچى پاس بېرىشتەك سانلىق مەلۇمات ياراتتى.

4. ۋېمىس (گۇاڭدوڭ كوماندىسى)
ۋېمىس ئەمەلىي كۈچى ھەقىقەتەن قالتىس توپچى، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى يېتەكلەپ يى جيەنليەن يارىلانغان ئەھۋال ئاستىدا، لياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ۋېمسنىڭ بەزىدە ياخشى بەزىدە ناچار بولغان ئىپادىسى ئادەمنى سەل ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق نېمىلا دېگەن بىلەن NBA بىرلەشمىسىدىن كېلىپ چىققان بۇ ماھىرنىڭ ئەمەلىي كۈچى CBA بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋېمسنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى ۋە تورداشلارنى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلەردە يېڭىشى، چەت ئەللىك ماھىرلارغا تايىنىدىغانلىقىنى بەس ـ بەستە مەسخىرە قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، لېكىن بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ھەر بىر كوماندىدا چەت ئەللىك ماھىر بار دېيىشكە بولىدۇ، گۇاڭدوڭ كوماندىسى پەقەت چەت ئەللىك ماھىرلارنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ماھىر خالاس

5. مولترې (نەنجىڭ توڭشى كوماندىسى)
مولترېنىڭ ئىپادىسىدە، مۇسابىقە پەسلىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى ئەمەلىي كۈچى قالتىس بولغان چەت ئەللىك ماھىر ئىكەنلىكىنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ. كوماندىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغاچقا، مولترېمۇ ئامالسىز قالدى، مولترې كوماندىنىڭ ھەم ھۇجۇم ھەم مۇداپىئەگە تەڭ قاتنىشىدىغان ماھىرى. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلىنىپ ھازىرغىچە، مەيدانغا چىقىش ۋاقتى ئوتتۇرىچە 36.7 مىنۇت بولۇپ، بىرلەشمە بويىچە ئالتىنچى قاتاردا تورىدۇ. ئۇ بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرىچە ھېسابتا 26.9 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ، 2.4 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجە يارىتىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىكى ئپادىسى قالتىس چەت ئەللىك ماھىر بولۇپ قالدى، ئەپسۇس نەنجىڭ تۇڭشى كوماندىسىنىڭ شۇنچە قالتىس چەت ئەللىك ماھىرى بار بولسىمۇ، يەرلىك توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟