شىنجاڭ VSجىلىن

ئەلكۈيى
2021-01-15
来源:直播吧

640-24.gif640-59.png




ېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 99:109 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، ھەر ئىككى تەرەپ قالتىس ھۇجۇم ئۈنۈمىنى نامايەن قىلدى، يۈ دېخاۋنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، جىلىن كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا جونېسنىڭ باشچىلىقىدا شىنجاڭ كوماندىسىغا زور بېسىم قىلدى ۋە نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمى ياخشى بولدى، جىلىن كوماندىسى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق سەۋەنلىكى بىلەن تەتۈر ئېشىشنى تاماملىدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى 33:30 نەتىجىدە ئارقىدا قالدى.

كېيىنكى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى تۆۋەنلىدى، ئەكسىچە جىلىن كوماندىسى داۋاملىق نومۇر پەرقىنى چوڭايتىشقا باشلىدى، شىنجاڭ كوماندىسى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ نومۇر پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، ھالقىلىق ۋاقىتتا يۈ دېخاۋ ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا 58:55 نەتىجىدە ئارقىدا قالدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى كوماندىنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، شۇنداقتىمۇ مۇسابىقىنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى ئۆزگەرمىدى، تاڭ سەييۈنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، گەرچە جىلىن كوماندىسى شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قالدى، ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ شىنجاڭ كوماندىسى 79:83 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

ئاخىرقى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ شىنجاڭ كوماندىسى داۋاملىق ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، ئابدۇسالام ۋە موتېيۇناس ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، شىنجاڭ كوماندىسى ئاستا-ئاستا نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، جىلىن كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا جونېسنىڭ باشچىلىقىدا نومۇر پەرقىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، جونېسنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قېتىم سانى توشۇپ مەيداندىن ئايرىلدى، شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا رەقىبىگە قىلچە پۇرسەت بەرمىدى ۋە ئاخىرىدا 99:109 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن موتېيۇناس 28 نومۇر، 20 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ سەييۈ 25 نومۇر ئالدى ۋە ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ يۈ دېخاۋ 17 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇ لىپىك 14 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ زىڭ لىڭشۈ 13 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوۋ چى يەتتە نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى.

جىلىن كوماندىسىدىن جونېس 36 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۈي پۇمىڭ 13 نومۇر ئالدى؛ جوڭ چىڭ 10 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ بەش قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جياڭ ۋېيزې سەككىز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئالتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟