ياۋمىڭ ئىپادە بىلدۈردى

ئەلكۈيى
2021-01-11
来源:直播吧

640-24.gif640-59.png




يېقىندىكى بىر قېتىملىق زىيارەتتە ياۋ مىڭ دۆلىتىمىز ۋاسكېتبولچىلقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن: چوڭ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور سەۋرچانلىق كېرەك، ئەگەر بىزنىڭ نىشانىمىز پەقەت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش بولسا، ئۇنداقتا ھازىرقى دۆلەت كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئازراقلا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق، نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئەمما مەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ دۇنيادا ئۆزىگە خاس رىقابەت كۈچىگە ئىگە كوماندا بولۇپ قېلىشىنى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياۋ مىڭ يەنە CBA غا بولغان بەزى كۆز قاراشلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان: ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئادەمنى جەلپ قىلىشى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ، بىرسى مۇسابىقىنىڭ كەسكىنلىكى، يەنە بىرسى نەتىجىنىڭ ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغانلىقى، شۇڭا بۇ جەھەتتە چەتئەللىك ئەزالار بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىراق بىز يەنە بىرلەشمە مۇسابىقىمىزنىڭ، كۇلۇبىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك، ھەربىر كۇلۇب ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە تۇرۇشلۇق ئۆلكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟