دائىملىق مۇسابىقە 26-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

ئەلكۈيى تورى
2021-01-04
来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 26-ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، بۇ ئايلانمىدا گۇاڭدوڭ كوماندىسى 132-95 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمىمى ئاخىرلاشتۇردى، لياۋنىڭ كوماندىسى 129-116 نەتىجىدە جېجياڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، جياڭسۇ كوماندىسى 103-90 نەتىجىدە چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، چىڭداۋ كوماندىسى ئۇدا تۆت مەيدان مەغلۇپ بولدى. بۇ ئالانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىرلەشمە ئۈچ كۈن ئارام ئالىدۇ، 27-ئايلانما مۇسابىقە 1-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىدۇ.

بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە گۇاڭشا كوماندىسى 113-100 نەتىجىدە توڭشى كوماندىسىنى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى 132-95 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى، شاڭخەي كوماندىسى 122-102 نەتىجىدە سىچۈەن كوماندىسىنى، شېنجېن كوماندىسى 116-93 نەتىجىدە شەنشى كوماندىسىنى، شەندوڭ كوماندىسى 89-86 نەتىجىدە بېيجىڭ كوماندىسىنى، جىلىن كوماندىسى 117-110 نەتىجىدە فۇجيەن كوماندىسىنى، بېيكوڭ كوماندىسى 99-96 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى، لياۋنىڭ كوماندىسى 129-116 نەتىجىدە جېجياڭ كوماندىسىنى، جياڭسۇ كوماندىسى 103-90 نەتىجىدە چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى 27-ئايلانما مۇسابىقىدە شەنشى كوماندىسى بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى، بېيكوڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭشا كوماندىسى، شاڭخەي كوماندىسى بىلەن فۇجيەن كوماندىسى، توڭشى كوماندىسى بىلەن سىچۈەن كوماندىسى، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تيەنجىن كوماندىسى، شېنجېن كوماندىسى بىلەن گۇاڭجۇ كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 27-ئايلانمىنىڭ داۋامىدا گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى، بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن چىڭداۋ كوماندىسى، جېجياڭ كوماندىسى بىلەن جياڭسۇ كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.