بۈگۈنكى :CBA دائىملىق مۇسابىقىسى

ئەلكۈيى
2020-12-17
来源:توردۇنياسى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە توڭشى كوماندىسى بىلەن تيەنجىن كوماندىسى ئۇچراشتى.




مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپ كەسكىن تىركەشتى، تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە شىرئەلىجان ۋە ۋەن شىڭۋېي بىرلىشىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشى بىلەن توڭشى كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى تىكلىدى، كېيىنكى چارەك مۇسابىقىدە تيەنجىن كوماندىسى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ناھايىتى تېزلا تەتۈر ئاشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ، تيەنجىن كوماندىسى 49:56 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى چارەك مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسى يەنىلا شىرئەلىجان ۋە چەتئەللىك ئەزا مورتېلنىڭ باشچىلىقىدا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، ئارقا-ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئاخىرقى چارەك مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ رەقىبىگە پۇرسەت بەرمىدى، ھالقىلىق ۋاقىتتا چەتئەللىك ئەزا مورتېل نومۇر ئېلىپ، توڭشى كوماندىسى 100:102 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى، تيەنجىن كوماندىسى بولسا ئۇدا ئالتە مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسىدىن مورتېل 26 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 26 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋەن شىڭۋېي 18 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خېڭ يىفېڭ 19 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

تيەنجىن كوماندىسىدىن تودوروۋىچ 39 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ئېدۋاردېس 16 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شى دېشۈەي 13 نومۇر، توققۇز قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خې سىيۈ توققۇز نومۇر ئالدى، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.