ئەپسۇس! شىرئەلىجان ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
来源:تېڭشۈن

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، توڭشى كوماندىسى 108:93 نەتىجىدە جياڭسۇ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسى يادرولۇق ئەزاسى شىرئەلىجان داۋاملىق قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، ئۇ 39 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ، 12 قېتىم گارغا توپ ئېتىپ سەككىز قېتىم كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ تۆت قېتىم كىرگۈزدى، جەمئىي 21 نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 11 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش، بىر قېتىم توپ تارتىۋېلىشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئامالسىز قالدى، توڭشى كوماندىسى ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا جياڭسۇ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

بىلىشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجان ئوخشاشلا قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان ئەھۋالدا توڭشى كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويغان.