CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 9-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

ئەلكۈيى تورى
2020-11-06
来源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 2020-2021 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 9-ئايلانمىسى تولۇق ئاخىرلاشتى، بۇ ئايلانمىدا جېجياڭ كوماندىسى ئۇدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، توققۇز ئايلانمىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلغان بىردىنبىر كوماندىغا ئايلاندى، شەندوڭ كوماندىسى لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا سەككىز مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى، يادرولۇق توپچىسى جوۋ چى يارىلانغان شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى بولسا ئۇدا يەتتە مەيدان غەلىبە قىلدى، تيەنجىن كوماندىسى ئۇدا سەككىز مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، فۇجيەن كوماندىسى ئۇدا سەككىز مەيدان مەغلۇپ بولدى.

بۇ ئايلانما مۇسابىقىدە، بېيكوڭ كوماندىسى 109-78 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى، گۇاڭشا كوماندىسى 102-98 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىنى، شەندوڭ كوماندىسى 128-127 نەتىجىدە لياۋنىڭ كوماندىسىنى، جياڭسۇ كوماندىسى 108-93 نەتىجىدە توڭشى كوماندىسىنى، تيەنجىن كوماندىسى 99-91 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى، چىڭداۋ كوماندىسى 97-94 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى، جېجياڭ كوماندىسى 99-83 نەتىجىدە فۇجيەن كوماندىسىنى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى 131-106 نەتىجىدە شەنشى كوماندىسىنى، سىچۈەن كوماندىسى 81-80 نەتىجىدە بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى 10-ئايلانما مۇسابىقىدە، گۇاڭدوڭ كوماندىسى بىلەن سىچۈەن كوماندىسى، بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن شەنشى كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى 10-ئايلانمىنىڭ داۋامىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى، توڭشى كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى، شەندوڭ كوماندىسى بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى، شاڭخەي كوماندىسى بىلەن فۇجيەن كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى 0-ئايلانمىنىڭ داۋامىدا تيەنجىن كوماندىسى بىلەن جياڭسۇ كوماندىسى، شېنجېن كوماندىسى بىلەن جېجياڭ كوماندىسى، لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭجۇ كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.