جوۋ چىدىن ئايرىلغان شىنجاڭ كوماندىسى ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟

alkuyi
2020-11-06
来源:tengxun

ېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچ سائەت 20:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان 9-ئايلانما دائىملىق مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بېيكوڭ كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ. ئالدىنقى مەيدان لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن بىر مەيدان مەغلۇبىيەتكە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى جوۋ چىنىڭ يارىلىنىشى بولدى. ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە شۇكى، جوۋ چىدىن ئايرىلغان شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى مۇسابىقىلەردە قانداق قىلىدۇ؟

ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە جوۋ چى مەيداندىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ گار ئاستىدىكى ئەۋزەللىكى بىراقلا يوق بولدى، شۇنىڭ بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسى گو ئەيلۈننىڭ بۆسۈپ كىرىشى ۋە خەن دېجۈننىڭ گار ئاستىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىشى بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىغا زور بېسىم قىلدى. شۇڭلاشقا شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى جوۋ چىنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش بولۇپ، سەپ شەكلىدە زور ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن جوۋ چى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش ۋاقتى يارىتىش، شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن كوماندىدىكى باشقا ياش توپچىلارغا تېخىمۇ كۆپ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش.

ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە زاپاس ئەزا بولغان جۇ چۈەنيۈدىن باشقا شىنجاڭ كوماندىسى يەنە كۆپ تاللاشلارغا ئىگە، چۈنكى كوماندىدا ياش توپچىلار ھەقىقەتەن كۆپ، ئۇلارمۇ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، لېكىن مۇھىم ئامىل شۇكى، بۇنداق ئەھۋالدا كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى تۇراقسىز بولىشى مۇمكىن.

بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى بېيكوڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، جوۋ چىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقى ئېنىق، شىنجاڭ كوماندىسى چوڭ سىناققا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بېيكوڭ كوماندىسى گەرچە يادرولۇق توپچى سۈن يۆ ئارام ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ مەيدان غەلىبە قىلدى، شۇنداقلا چەتئەللىك ئەزا يۆسېف ياڭ ئاستا ئاستا كوماندىغا ماسلاشماقتا. شىنجاڭ كوماندىسى بولسا پۈتۈنلەي يەرلىك توپچىلار بىلەن ئاتلىنىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ شىنجاڭ كوماندىسى بۇ قىيىنچىلىقنى قانداق ئۇسۇلدا يېڭىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بولسۇن!