ئەندەر 12541 يوللانما 251 مەستانە + ئەگىشىڭ شىنجاڭ VS بېيكوڭ مۇسابىقىسىگە نەزەر: قايسى كوماندا غەلب

ئەلكۈيى تورى
2020-10-21
来源:ۋاڭيى تورى

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 20:00دىكى CBA دائىملىق مۇسابىقىىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى بېيكوڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا گۇاڭجۇ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بېيكوڭ كوماندىسى بولسا شەندوڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە لى گېن بېيكوڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە سابىق كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قايسى كوماندا غەلبە قىلىدۇ؟

مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىلار: شىنجاڭ كوماندىسى VS بېيكوڭ كوماندىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى 20:00

مۇسابىقە ئورنى: جۇجى جىياڭ شۆيۈەنى تەنتەربىيە مەيدانى

تېلېۋىزوردا ئۇلاپ تارقىتىش: +CCTV5

ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ ناھايىتى كەسكىن تىركەشتى، شىنجاڭ كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا كۈچەن 102-97 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، تۇنجى قەدەمنى غەلبىلىك باشلىدى، لېكىن بېيكوڭ كوماندىسى تۇنجى ئايلانمىدا 83-99 نەتىجىدە شەندوڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

يېڭى پەسىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قارايدىغان بولساق، جوۋ چى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ماھىرى، رەپقەتجان 26 مىنۇت، چى لىن، لۇتپۇللا ۋە ئەزىمەت قاتارلىق توپچىلار 15 مىنۇت ئەتراپىدا مەيدانغا چىققان، لېكىن بۇ ياش ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىپادىسى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بېيكوڭ كوماندىسىدىن پەسىلدىن ئىلگىرىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىسى ۋە تۇنجى ئايلانمىدىكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئۇلار چەتئەللىك توپچىغا تايىنىشتىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغان، پۈتۈنلەي يەرلىك توپچى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ماسلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدۇ، كوماندىدا سۈن يۆ ۋە لى گېن قاتارلىق پىشقەدەم ماھىرلار بار بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن كوماندىدىكى توپچىلار ھۇجۇم ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

جوۋ چى VS لى گېن

تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە جوۋ چى 26 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ قېقىۋېتىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئدە يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، زېڭ لىڭشۈ ۋە يۈ دېخاۋ قاتارلىق ئىككى بېكنىڭ ياردىمىدە، جوۋ چىنىڭ ھۇجۇمغا چىقىش بوشلۇقى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ ئاشۇنداق ئىپادىسىنى ساقلىيالىسا، كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلالايدۇ.

لى گېن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 14 نومۇر ئالدى، لېكىن گارغا قارىتىپ 17 قېتىم توپ ئېتىپ ئاران بەش قېتىم چۈشۈردى، توپ چۈشۈرۈش نىسبىتى تۆۋەن، گەرچە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ لېكىن ماربۇرىي ئۇنىڭ ئىپادىسىنى ماختىدى. مۇسابىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، لى گېننىڭ بەدەن قارشىلىش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن، لېكىن ئۇ توپن كونترول قىلىش ھەم توپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كوماندىسىنىڭ ھۇجۇم كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.