ئادامىس قاتارلىق3چەتئەللىك ماھىر قايتىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-10
来源:ئۈندىدار سالونى

دۆلەت ئىچى تاراتقۇسى Ferdinandd 穗豐-Max نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىڭداۋ چەتئەللىك ماھىرى ئادامس مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى   شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەن، داككا-جونسون بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى   گۇاڭجۇغا يېتىپ بارىدىكەن، ھەر ئىككىسى ئالدى بىلەن 14 كۈن ئايرىلىپ كۈزتىلىپ   ئاندىن كوماندا بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
微信截图_20201010114506.png

Ferdinandd 穗豐-Max مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دەپ يازدى: « ئادامس بۈگۈن(10-ئاينىڭ5-كۈنى ) شاڭخەيگە كەلدى، جونسون ئەتە(10-ئاينىڭ6-كۈنى ) گۇاڭجۇغا بارىدۇ، ئىككىيلەن ئالدى بىلەن 14 كۈن ئايرىپ كۆزىتىلىپ، مەسىلە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن ، چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. بۇندىن بۇرۇن شاڭخەيدە تۇرىۋاتقان سىتېماركنى قوشقاندا ، ھازىر چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ ئۈچ چەتئەللىك ماھىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا،ئۇلار   10-ئاينىڭ 23-كۈنى تيەنجىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. » دېدى.

微信截图_20201010114522.png

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىلىدىكى دائىملىق مۇسابىقىدە، ئادامس مەيداندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 34.9 نومۇر، 8.1 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، 5.9 ياردەمچى پاس، 2.6 توپ تارتىۋالدى؛ داككارى-جونسون مەيدانىدا ئوتتۇرچە 23.7 نومۇر، 14.5 گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ ياردەمچى پاس بەردى . سېربىيەلىك ئوتتۇرا ھۇجۇمچى سىتىمارك يۆجىچنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى بولۇپ، كوماندىغا ئەگىشىپ 2017- يىللىق ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2016- يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كۈمۈش مېدالىغا ئېرىشكەن.