ھېلىمۇ يادىمدا، كىچىكىمدە باشقىلار مەندىن «ئەڭ چوقۇنىدىغان ئادىمىڭىز كىم؟» دەم سورىسا، ھەر ۋاقىت «دادام!» دەپ جاۋاب بېرەتتىم. شۇنداق، دادام نەزەرىمدىكى ئەڭ كېلىشكەن، ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان، ئەڭ ئاقكۆڭۈل ئادەم ئىدى. ھېچقانداق كېلىشكەن چولپاننى دادامغا تەڭ قىلمايتتىم. كىچىكىمدىن مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسام، كىمدىن ئازار يېسەم، دادام چوقۇم يېنىمدا پەيدا بولاتتى. يانچۇقۇمغا «ئوغرىلىقچە» پۇللارنى سېلىپ قوياتتى، «مەن بار، بالام» دەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، كۆڭلۈم ھەر ۋاقىت توق تۇراتتى. تاكى ھازىرغا قەدەر ھېچنېمىدىن زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەيمەن ھەم بىر ئىشقا يولۇقسام ئۆزۈمنى يوقۇتۇپ قويمايمەن. چۈنكى تاغدەك دادام بار ئەمەسمۇ؟
شۇنداق، دادا مۇشۇنداق ئاددىي-ساددا، سۆز-ھەرىكىتى گاھىدا قوپال بولسىمۇ، بىزنى شەكسىز ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئادەم. ئۇ ھاياتلىق يولىمىزنى يورۇتقۇچى مەشئەل. دادىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بولىدىكەن، بىز يولدىن ئازمايمىز، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمىزنى ئۈزمەيمىز.
دادىلار قەيسەر، مۇستەھكەم. بىز كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇلارغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئانچە بىۋاسىتە ئىپادىلەپ كەتمەيمىز. ئەمما ئىشىنىمەنكى، دادىلارغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئەزەلدىن ئانىلارنىڭكىدىن كەم بولغان ئەمەس.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبىسى (6-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئاتىلار بايرىمى، لىمون خور ئۆمىكىدىكى بالىلارنىڭ «داداڭغا دەپ قويىمەن» دېگەن بۇ ناخشىسى ئارقىلىق بارلىق بالىلار قەلبىدىكى قالتىس دادىلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن.