مۇددەتتىن بۇرۇن ئوينالغان ھەل قىلغۇچ! خانلىق مادرىد VS مانچېستېر شەھىرى

ئەلكۈيى
2026-03-11
来源:جىبوبا

3-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 4:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە بولۇپ، ئىككى كوماندا ئۇدا بەش مۇسابىقە پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان. مىباپپېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خانلىق مادرىدتىن يەتتە توپچى چۈشۈپ قالدى، خالاند ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى 7-مەرگەنگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ، مانچېستېر شەھىرى بولسا خانلىق مادرىدتىن ئۆچ ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋىنىسىئۇس بىلەن خالاندنىڭ جېڭى كىشىلەرنى تەققازا قىلىدۇ.

[ئۇچرىشىش تارىخى]

ئىككى كوماندا جەمئىي 15 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ جەمئىي بەش قېتىمدىن غەلىبە قىلغان. ئىككى كوماندا ئۇدا بەش مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچراشقان بولۇپ، 2024/2025 مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە، ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان .

خانلىق مادرىدتىن يەتتە توپچى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ

خانلىق مادرىدنىڭ يارىلىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر. خانلىق مادرىدتىن ساھىبخان مەيداندا مانچېستېر شەھىرى بىلەن بولغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىگە يەتتە توپچى قاتنىشالمايدۇ.

بېللىڭھامنىڭ تېرەك مۇسكۇلى پېيى يارىلاندى، رودرىگونىڭ پاقالچاق سىڭىرى يىرتىلىپ كەتتى، سېباللوسنىڭ يوتا مۇسكۇلى يارىلاندى، مىلىتاۋنىڭ مۇسكۇلى زەخمىلەندى، مىباپپېنىڭ تىزى يارىلاندى، پاقالچاق مۇسكۇلى زەخمىلەندى، كارېراسنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يان پاقالچاق مۇسكۇلى يارىلاندى. توپ مەستانىلىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن مىباپپې بىلەن خالاند ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە يەنە بىر قېتىم ئەمەلگە ئاشمايدىغان بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئەھۋالى خېلىلا ياخشى بولۇپ، گۋاردىئور، كوۋاچىچتىن باشقا، مۇھىم توپچىلار يارىلانمىغان.


خانلىق مادرىد ئۇدا بەش پەسىل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى شاللاش مۇسابىقىسىدە مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئۇچراشتى

خانلىق مادرىد vs مانچېستېر شەھىرى يېقىنقى بەش يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ كونا سېنارىيەسىنى يازدى. 2021/2022 مۇسابىقە پەسلىدىن ھازىرغىچە، خانلىق مادرىد بىلەن مانچېستېر شەھىرى ھەر يىلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئۇچرىشىپ كەلدى. بىراق يېقىنقى ئىككى قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئۇچرىشىشىدا، خانلىق مادرىد ئاخىرىغىچە كۈلگەن بولۇپ، 2023/2024 پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 3:3 نەتىجىدە، مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان، نۇقتا توپ جېڭىدە خانلىق مادرىد 3:4 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ كېيىنكى باسقۇچقا قەدەم قويغان؛ ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە، ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلغان. يەنە بىر قېتىم خانلىق مادرىد بىلەن ئۇچراشسا، مانچېستېر شەھىرى «ئۆچ» ئالالامدۇ؟

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 56 مەيدان مۇسابىقىدە 56 توپ، خالاند تارىختا 7-ئورۇنغا ئاتلىنىدۇ

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا خالاند سالزبۇرگ، دورتموند، مانچېستېر شەھىرىگە ۋاكالىتەن 56 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 56 توپ كىرگۈزگەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا بىر توپ كىرگۈزۈشتەك يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولغان بولۇپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا ھېچكىم بۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر تىزىملىكىدە خالاند 8-ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، 7-ئورۇندىكى توماس مۇللېر (163 مەيدان مۇسابىقىدە 57 توپ كىرگۈزگەن) بىلەن پەقەت بىر توپلا پەرقلىنىدۇ. ئەگەر خانلىق مادرىدقا توپ كىرگۈزسە، خالاند ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر تىزىملىكىدە 7-ئورۇنغا چىقىدۇ. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن كوماندىلار بىلەن ئوينىغان يېقىنقى 10 قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە خالاند 10 توپ كىرگۈزگەن.

ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەزالار پەرەز سەپ شەكلى:

خانلىق مادرىد (442):كۇرتۇۋا / ئارنولد، رائۇل ئاسېنسىئو، رۇدىگېر، مېندى / ۋالۋېرد، جوئان ئامېنى، گۇلايىر، كاماۋېنگا / گونزالو گارسىيا، نىسىئۇس

مانچېستېر شەھىرى (4231):دوننارۇمما / نۇنېس، دىياس، گېي، ئورايلى / رودرى، بېرناردو سىلۋا / سېركى، مارمۇس، دوكۇ / خالاند