ماكگرېگور بىلەن پورىئېرنىڭ بوكىس جېڭىغا نەزەر

2021-07-09
来源:ئەلكۈيى

WechatIMG79.jpeg640-24.gif


بۇ ھەپتە ئاخىرىدا، يەكشەنبە ئەتتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى 7:30دا   UFC يەنە بىر مەيدان ئېغىر بوكىس ئۇرىشىنى   كۈتۈۋالىدۇ! « ئېغىز زەمبىرىكى» كونور ماكگرېگور بىلەن« ئالماس» داستىن پورىئېر

ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچۈنچى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭ ئىككى شاھنىڭ ئېغىر   ئاداۋىتىگە مۇكەممەل خاتىمە بېرىدۇ.بۇ مەيدان مۇھىم مۇسابىقە ئەلكۈيىگە تەۋە پۈتۈن تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

تەخمىنەن يېرىم يىل ئىلگىرىكى مۇسابىقىدە ، ئېغىز زەمبىرىكىنى ئىككى قېتىملىق ئۇرۇشتا ئالماسنىڭ مۇكەممەل تېخنىكىسى ئىسكەنجىگە ئالغان، ئەڭ ئاخىرىدا « ئېغىز زەمبىرىكى» ھەتتا   رەسۋا بولۇپ TKO بولۇشقا   دۇچ كەلگەن.

ئالماس ئالدىنقى مۇسابىقىلەر ئارقىلىق   « ئېغىز زەمبىرىكى» نىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ھالبۇكى، ئېغىز زەمبىرىكى ھەپتە ئاخىرىدىكى مۇسابىقىنى چوقۇم بىر مەيدان مۇھىم ھەل قىلغۇچ جەڭ دەپ قارىدى ئۇ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە قىلغۇچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ مېنىڭ كۈتكىنىم، مەن ئىلگىرى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى جەڭگە قاتناشقان، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە   بەلكىم ھازىرغا قەدەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە بولۇشى مۇمكىن دېدى.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق جەڭدە، ئېغىز زەمبىرىكىنىڭ ماھارەت تاكتىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى

ئېغىز زەمبىرىكى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: شۇنىسى ئېنىقكى ، مەن سانسىزلىغان خەتەرلىك مۇسابىقىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ماھىر، مەن مۇسابىقىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم! ئەمدى مەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۇنى مەغلۇپ قىلىمەن! ئۇنىڭ مەن ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېچقانداق ئامالى يوق، پەقەت مۇشۇلا   كۇپايە خالاس!

ناھايىتى ئېنىقكى، بىز ئۆچ ئېلىشقا ئالدىرايدىغان بىر زەمبىرەكنى   كۆردۇق. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئۆچ ئېلىش جېڭى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە! بىلىش كېرەككى، بۇ ئۇنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر يىل ئىچىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىشى! ئەگەر يەنە ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئۇ قايتىپ بېرىپ داۋاملىق ۋىسكى سېتىشى مۇمكىن. ، مەستانىلەرمۇ قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىشى ئېنىق.

UFC لېدىرى تاراتقۇلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ: ئەگەر بۇ بىر مەيدان ئېغىز زەمبىرىكى ئالماسنى يېڭەلىسە، ئۇنداقتا UFC ئۇنى ھازىرقى يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى چارلىز ئولۋېرا بىلەن بولغان جەڭگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دېدى. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە يەنە مۇسابىقە نەتىجىسىگە قاراش كېرەك!

بۇ يىل 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن UFC257 مۇسابىقىسىدە، «ئالماس» داستىن پورىئېر تۆۋەن تېپىك تاكتىكىسى ئارقىلىق «ئېغىز زەمبىرىكى» كونور ماكگرېگورنى مەغلۇب قىلىپ، ئىككەيلەن ئارىسىدىكى رىقابەتلىشىش نەتىجىسى 1:1 قىلىپ تەڭلەشتۈرگەن.