ئالۋارېز سمىسنى بوزەك قىلىپ يېڭىۋالدى

爱酷艺直播
2020-12-20
来源:ئەلكۈيى تورى

2.gif




بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئاياغلاشقان بىر مەيدان ئوتتۇرا ھال دەرىجىلىكلەر بوكس مۇسابىقىسىدە، مېكسىكا بوكس ساھەسىدىكى گىگانت چولپان سۇر-ئاۋارېز ئەنگلىيە بوكىس شاھى كالېم سىمىت نى يېڭىپ، 2020-يىلىدىكى دۇنيا بوكس ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈردى . ھەمدە WBAدەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىدىن تاشقىرى بوكس چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ 168 قاداقلىقلار تۈرى بويىچە « بوكس ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى» نى قولغا كەلتۈردى.

مۇسابىقە ئامېرىكا سان ئانتونىئو ئالامو تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، مۇسابىقە تولۇق قىسمى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

كالۇم سمىس بىلەن بولغان جەڭنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مېكسىكىلىق داڭلىق ماھىر كانېلو ئالۋارېزنىڭ يۈزى يەنىلا پاكىز، ئەكسىچە سمىسنىڭ مەڭزى ئىششىپ، بۇرنىدىن قان ئاقتى، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى 119-109، 119-109، 117-111 بولدى، ئالۋارېز ھېچقانداق تالاش-تارتىش بولمىغان ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۆزىدىن ئېگىز بولغان ئەنگلىيەلىك سمىسنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم بوكس ساھەسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالۋارېزنى ياقتۇرمايدىغان نۇرغۇن مەستانىلەر مەيۈسلەندى.

مۇسابىقىدىن بۇرۇن، كىشلەر بۇ قېتىمقى كۈچ سىنىشىشتا، ئالۋارېزنىڭ نومۇر سانىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، لېكىن نومۇر پەرقىنىڭ بۇنداق چوڭ بولۇشىنى ئويلىمىغان، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بوي ئېگىزلىكى، بىلەك ئۇزۇنلۇقى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن سىرت، سىمىسنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى ھەقىقەتەن ئالۋارېزدىن تۆۋەن بولغان.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئىككى تەرەپ پۈتۈن مەيداندا كەسكىن جەڭ قىلدى، ئالۋارېز نومۇر پەرقىدە غەلىبە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن سمىسنى مەغلۇپ قىلدى، پۈتۈن مەيدان تېخنىكا ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالۋارېز پۈتۈن مەيداندا جەمئىي 484 مۇشت ئېتىپ، 209 مۇشتنى تەككۈزگەن، نىشانغا تېگىش نىسبىتى %43 بولغان، سمىسنىڭ پۈتۈن مەيداندا ھۇجۇمغا ئۆتۈش سانى تېخىمۇ كۆپ، 536 مۇشت ئاتقان، ئەپسۇس ئاران 97 مۇشتنى تەككۈزگەن، نىشانغا تېگىش نىسبىتى %18 بولغان، قاتتىق زەربە بېرىش جەھەتتە، ئالۋارېز 220 مۇشت ئېتىپ، 126 مۇشتنى تەگكەندىن كېيىن، نىشانغا تېگىش نىسبىتى %57كە يەتكەن، ئەكسىچە سمىس 55 قېتىم قاتتىق زەربە بەرگەن ھەمدە مۇسابىقىدىن ئىلگىرى سىمىسنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر دەپ قارالغان ئۇدۇل مۇشت، سان جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، نىشانغا تەگكۈزۈش سانى، نىشانغا تەگكۈزۈش نىسبىتى بىردەك تۆۋەن، ئۇدۇل مۇشتنىڭ تېگىش سانى 88:44، ئۇدۇل مۇشتنىڭ تېگىش نىسبىتى %14 %32كە يەتكەن، پەقەت سمىسنى ئالۋارېز تەرىپىدىن بىتچىت بولدى، دېيىشكە بولىدۇ.

ئەمدى، ئالۋارېزنىڭ كېلەر يىلى كونا رەقىبى گېننادى گولوۋكىن بىلەن ئۈچىنچى قېتىم جەڭ قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. گولوۋكىننىڭ يېقىندىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، ھالىتى خېلى ئەسلىگە كەلگەندەك قىلىدۇ، ئەگەر ئالۋارېز بىلەن تۇتۇشسا، يەنىلا بەلگىلىك ئەندىشە بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە گولوۋكىن سمىس ئالۋارېزغا ئېلىپ كەلگەن ئاۋارىچىلىقتىن تېخىمۇ چوڭ تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ، بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى!