گولېۋكېن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى

مەمەتجان
2020-12-19
来源:ئەلكۈيى تورى




ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەۋسىيەسى:ھازىرقى IBF/IBO نىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكس پادىشاھى قازاقىستانلىق « GGG» گېننادى-گولوفكىن بىلەن IBF نىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن رىقابەتچىسى پولەك كامىر سىزېرېمېتا ئامېرىكىنىڭ ھوللىۋودتا مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

بېيجىڭ ۋاقتى شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىككەيلەن بىر مەيدان 12 ئۇچرىشىش ئالدىن بېكىتىلگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكس شاھى تالىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ، گولوفكىن IBF ۋە IBO دىن ئىبارەت ئىككى دۇنيا بوكس شاھى كەمىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. گولوفكىن ھازىر 38 ياشقا كىردى، سىزېرېمىتا 31 ياشقا كىردى، ھەر ئىككىسىنىڭ مۇسابىقىلەشمىگىنىگە بىر يىل بولدى.

گولوفكىن تاراتقۇلارغا، ئۆزىنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە ئىنتايىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق رەقىبىنى بوش چاغلىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ قاتلامدىكى مۇسابىقىدە، ھەر بىر رەقىبىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گولوفكىن مۇنداق دېدى: « ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدە مەن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىمەن، چۈنكى بۇ قاتلامدىكى مۇسابىقە ئاددىي ئەمەس. سىز دۇنيا بوكس شاھى بولغان ۋاقتىڭىزدا، رەقىبىڭىز سىزگە بەلگىلىك خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. مەن ھازىر بەك جاپالىق مەشىق قىلىۋاتىمەن، مەشىق قانچە ئەستايىدىل بولسا، مۇسابىقىنىڭ شۇنچە ئاسان بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ،   بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە، ئەترىتىمىزمۇ تولۇق مەشىق قىلىپ تەڭشىدى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا كۆپ رەھمەت، مەن ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىم، بولۇپمۇ كۈچ مەشىقىنى كۈچەيتتىم، ئۆزۈمنىڭ تەييارلىنىپ بولغانلىقىمنى بىلىمەن. » دېدى.

ئاۋارېز بىلەن بولغان ئۈچ قېتىملىق جەڭ توغرىسىدا توختالغاندا، گروۋكىن تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى يىلدا كونا رەقىبى سۇر-ئاۋارېز بىلەن بولغان ئۈچ قېتىملىق جەڭ ئىزچىل ئېلىپ بېرىلمىدى، بۇ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بىراق ئۇ ھازىر IBF نىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن رىقابەتچىسى سزېرېمېتادىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئاۋارېزغا بولغان ئۈچ قېتىملىق جەڭگە نەزەر سالمايدۇ.

گولوفكىن: « مەن ھازىر ئاۋارېزنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق ئۇرۇشىنى ئويلاشمايمەن، چۈنكى مەن بەك زېرىكىپ كەتتىم» دېدى. بۇ ئىككى يىلدا بىز ئىزچىل بۇ مەيدان مۇسابىقىنى سۆزلىشىپ كەلدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزمىدۇق، بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئەمەس. ھازىر بۇ نۇقتىدا ئاۋارېزنىڭ ئۈچۈنچى قېتىملىق جېڭى تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ، بەلكىم مەڭگۈ ئوينىيالماسلىقى مۇمكىن. » دېدى.

ھازىرقى بىر قىسىم پېشقەدەم ماھىرلارغا نىسبەتەن، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئويناپ پۇل تېپىش ئۈچۈن، مەسىلەن، مېۋېزېر روگان پاۋېلنى تاللىدى، گولوفكىن مۇنداق دېدى: « ھازىر مەن تېخى كەسپىي بوكس ماھىرى، مېنىڭ بىرەر ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئوينىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر كەلگۈسىدە مۇمكىن بولسا، مەن بېرىپ سىناپ باقىمەن. » دېدى.

38ياشلىق گولوفكېننىڭ ھازىرقى كەسپىي نەتىجىسى 40 مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىر تەڭلەشكەن، 35 مەيدان مۇسابىقىدە KO قىلىپ رەقىبىنى مەغلۇب قىلغان ،   ھازىر BOXREC-160 قاداق ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپىدە ئاۋارېزدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

Golewken.jpg