گولېۋكېن ۋە كامىلنىڭ شاھلىق جېڭى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-18
来源:تېڭشۈن تورى




12-ئاينىڭ 19-كۈنە   دۇنيا IBF/IBO نىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكىس شاھى   38 ياشلىق گېننادى گولوفكىن بىلەن ئورگان تەرەپ بىكىتكەن گولوفكىن رىقابەتچىسى يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان 31 ياشلىق يېڭىلمەس بوكىس شاھى   كامىل ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان شاھلىق تالىشىش بوكىس مۇسابىقىسى ئامېرىكا ھوللىۋود كىنوچىلىقى تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلۈپ ،   ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلىدا نەق مەيداندىن ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ .

qyxabqa.jpg

مۇسابىقىنى خەلقئارالىق بوكىس رېپىرى ئەكبەر ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ، ئەلكۈبى تورىدىن مەمەتجان مەتتۇرسۇنلار تورداشلارغا چۈشەندۈرىدۇ ، ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ، ئەلكۈيى سالونى ھەمدە ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى ئارقىلىق مۇسابىقىنى كۆرەلەيسىلەر.

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىككىيلەن بىر مەيدان مۆلچەردىكى 12 قېتىملىق ئۇچرىشىش ھالىتىدىكى   ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكس شاھلىقىنى   تالىشىش جېڭى ئېلىپ بارىدۇ، گولوفكېن بۇ مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ IBF/IBO دۇنيا بوكس شاھلىقىنى ساقلاش ياكى يۇقۇتۇش ھايات -ماماتلىق جېڭىگە چۈشىدۇ . كەڭ تورداشلارنىڭ مۇسابىقىنى ۋاقتىدا كۆرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

38 ياشلىق گولوفكېننىڭ ھازىرقى كەسپىي نەتىجىسى 40 مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، بىر تەڭلەشكەن، 35 مەيدان مۇسابىقىدە KO قىلىپ رەقىبىنى مەغلۇب قىلغان . ھازىر BOXREC-160 قاداق ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپىدە ئاۋارېزدىن قالسىلا   2-ئورۇندا تۇرىدۇ،

گولوۋكىن ئوتتۇرا   20 قېتىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك دۇنيا بوكس شاھى ئالتۇن كەمىرىنى ئۇدا ساقلاپ، خوپكىنىسنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىغا تەڭلەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئىچىدە 18 قېتىم KO رەقىبى بولۇپ، KO نىسبىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

31ياشلىق كامىل سىزېرېمېتا ھازىر 21 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، بەش مەيدان مۇسابىقىدە KO رەقىبى بىلەن رەقىبىنى مەغلۇب قىلغان ، ھازىر BOXREC-160 قاداق ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى 21-ئورۇندا تۇرماقتا. سزېرېمېتانىڭ بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 76 سانتىمېتىر بولۇپ، گولوۋكىندىن پاكارراق، KO نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بىراق ئۇ گولوۋكىندىن يەتتە ياش كىچىك، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەۋزەللىكى بولۇشى مۇمكىن.

مۇسابىقىنى خەلقئارالىق بوكىس رېپىرى ئەكبەر ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ، ئەلكۈبى تورىدىن مەمەتجان مەتتۇرسۇنلار تورداشلارغا چۈشەندۈرىدۇ ، ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ، ئەلكۈيى سالونى ھەمدە ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى ئارقىلىق مۇسابىقىنى كۆرەلەيسىلەر.

Golewken.jpg