سىز زادى كىمنى تاللايسىز؟

ئەلكۈيى تورى
2020-12-14
来源:تېڭشۈن تورى




خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى، ئاخىرقى ئۈچ نەپەر نامزات ئىچىگە لېۋاندوۋىسكى، كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسىلار تاللاندى.

لېۋاندوۋىسكى

پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغان 2020-يىلىنى لېۋاندوۋىسكى ۋە بايرېن مىيۇنخېنغا تەۋە دېيىشكە بولىدۇ، يىل بېشىدىن باشلاپ بايرېن مىيۇنخېن، گېرمانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلەپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۇدا سەككىز نۆۋەت چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئاندىن كوماندا تارىخىدىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ئالتىنچى چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى لېۋاندوۋىسكى ئاساسلىق تۆھپىكارغا ئايلاندى.

ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە، لېۋاندوۋىسكى قالتىس توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلاپ قالدى. ئۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 47 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 55 توپ كىرگۈزۈپ، توققۇز قېتىم ياردەم پاس بەردى، ھەمدە بىرلەشمىدە 34 توپ كىرگۈزۈپ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىنى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بايرېن مىيۇنخېننىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش سەپىرىدىكى باشلامچىسىغا ئايلاندى. ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۆرسەتكەنلىكتىن، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچى ھېسابلىنىدۇ.

كرىستىيانو رونالدو

بۇ رونالدونىڭ يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى پەسلى، ئۇ «ياۋا تاغىل ئات قوشۇنى» بىلەن بىرلىكتە، ئاخىرىدا ئۇدا توققۇز نۆۋەت بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى، بۇ مەزگىلدە ، 35 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو 33 مەيدان مۇسابىقىدە 31 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا كوماندىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. كىشىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە، ئۆزىنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلى شاللىنىشتىن قۇتۇلالمىدى، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە، يۇۋېنتۇس ترېنېر ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرەلمىدى، «ياۋا تاغىل ئات قوشۇنى» داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان مۇشۇنداق پەيتتە بۇ قەھرىمان بىزنى قايتىدىن ھاياجانغا سالالامدۇ؟

مېسسى

2019-يىللىق خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر باھالىشىدا، مېسسى ئاخىرىدا ۋاندىكنى مەغلۇب قىلىپ، كەسپىي ھاياتىدا ئالتىنچى قېتىم «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئەمما بىر يىلدىن كېيىنكى ئىپادىسى كىشىنى رازى قىلالمىدى. 2019/2020 مۇسابىقە پەسلىدە ، مېسسى بارلىق مۇسابىقىلەردە بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 44 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 33 توپ كىرگۈزۈپ، 25 قېتىم ياردەم پاس بەرگەن، ھەمدە ئۇدا تۆت يىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ «ئالتۇن بوتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گەرچە 2018/2019 مۇسابىقە پەسلىدىكى 51 توپ كىرگۈزۈشتەك ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ قالتىس سانلىق مەلۇمات يەنىلا ئۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىممىتىنى ئىسپاتلىدى. قانداقلا بولمىسۇن، بارسېلونا بىرلەشمە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئاز بولمىغان مۇسابىقىلەردە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئالدى بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى تارتقۇزۇپ قويدى، ئاندىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە تارىخىي ئاھانەتلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. بەزىلەر مېسسىنى چارچىدى دەيدۇ ، يەنە بەزىلەر ئۇنى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى دەيدۇ.

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى باھالايدۇ، مۇكاپات 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2020-يىلى 20-ئۆكتەبىرگىچە بولغان توپچىلارنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن تارقىتىلىدۇ. ئاخىرقى نەتىجە 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.