خانلىق مادرىد ترېنېرى زىدانى ئىشتىن بوشىتىلىشى مۇمكىن

爱酷艺
2020-12-04
来源:腾讯




ئالدىنقى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى خانلىق مادرىد يەنە بىر قېتىم دونېتسىك كان ئىشچىلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن خانلىق مادرىد ئالدىنقى بەش ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان غەلىبە قىلىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولغان، بۇ جەرياندا توققۇز توپ كىرگۈزۈپ، توققۇز توپ كەتكۈزگەن، ھازىر جەمئىي يەتتە جۇغلانما نومۇر بىلەن گۇرۇپپا رەت تەرتىپىدە 3-ئورۇندا تۇرماقتا.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خانلىق مادرىد ئىچكى قىسىمىدا زىدانى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالدىنقى مەيدان مەغلۇبىيەتتىن كېيىن كۇلۇب رەئىسى فلورېنتىنو ۋە باشقا كۇلۇب باشقۇرۇش قاتلىمىدىكى رەھبەرلەر بىلەن كوماندىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئانالىز قىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىدە چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ گۇرۇپپىدىن چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەيلى كۇلۇب رەھبەرلىكى بولسۇن ياكى توپچىلار بولسۇن، زىدانىنىڭ بىر قىسىم قارارلىرى ئانچە قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن، يەنى نارازىلىق قوزغىغان، بولۇپمۇ زىدانىنىڭ توپچىلارنى ئارام ئالدۇرۇش تاكتىكىسى زور غۇلغۇلا قوزغىغان، دەل مۇشۇ مەسىلە خانلىق مادرىدنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب بولۇپ قالغان.

ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالدا زىدانى راستىنلا ئىشتىن بوشىتىلسا، ئۇندانتا ئانچېلوتتى خانلىق مادرىدنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالىدۇ، ئالدى بىلەن ئانچېلوتتى ھازىر ئارام ئېلىۋاتىدۇ، ئۇنى تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن باشقا كوماندىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ھاجەتسىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە توپچىلارنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى خېلىلا يۇقىرى ترېنېرلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا خانلىق مادرىد رىۋايەتلىك توپچىسى رائۇلمۇ ياخشى ترېنېر نامزاتى بولۇپ قالىدۇ.