يۇۋېنتۇس 0:3 كىيېۋ دىنامو

ئەلكۈيى تورى
2020-12-03
来源:qq.com





بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تۇرىن ئاللىيانز توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ئۇكرائىنا بىرلەشمىسىدىن كەلگەن كىيېۋ دىنامو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رونالدونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، يۇۋېنتۇستىن كىچىك چىئېسا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، رونالدونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇستىن چىئېسانىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن موراتامۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجىدە كىيېۋ دىنامو مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، رونالدونىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، كىچىك چىئېسانىڭ تەپكەن توپىمۇ ئازراقلا قېيىپ كەتتى، ماك كېننىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، رودرىگۇزنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 21 مىنۇت بولغاندا يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالكىس ساندرونىڭ سول تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن، كىچىك چىئېسا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇس داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللىپ، رونالدونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، كىيېۋ دىنامو قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، چىگانكوۋنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە يۇۋېنتۇسنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.


كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ يۇۋېنتۇس يەنىلا ھۇجۇمنى بوشاشتۇرمىدى، رونالدونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا، يۇۋېنتۇس بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كىچىك چىئېسانىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس يەتكۈزۈشى بىلەن قاپقىچى توپنى توسقان بولسىمۇ، ئەمما قاپقا ئالدىدىكى رونالدو قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، كەسپىي ھاياتىدىكى 750-توپىنى بارلىققا كەلتۈردى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 66 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، يۇۋېنتۇس يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، كىچىك چىئېسانىڭ سول تەرەپتىن پاس يەتكۈزۈشى بىلەن موراتا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى ھەيدەپ بوشلۇق چىقارغاندىن كېيىن، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجىدە كىيېۋ دىنامونى مەغلۇپ قىلدى.