تايسون بۇ قېتىمقى جەڭدە ئون مىليون دوللار تاپتى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-01
来源:تېڭشۈن تورى

/uploadfile/2020/1201/2020120111282754551.jpg

يېقىندا، 54 ياشلىق سابىق دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى مايكول تايسون لوس ئانژېلېستا ئۆزىنىڭ قايتىدىن مەيدانغا چىقىش جېڭىنى كۈتۈۋالدى. ئۇنىڭ رەقىبى 51 ياشلىق كىچىك روي جونېس بولۇپ، ئىلگىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بوكسچىلارنىڭ بىرى ئىدى، ئىككىسىنىڭ يېشىنى قوشقاندا 105 ياش چىقىدۇ. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ سەككىز ئۇچرىشىشلىق مۇسابىقە ئويناپ، تەڭلىشىپ قالدى.

گەرچە بۇ بىر مەيدان ئويۇن قويۇش خاراكتېرىدىكى مۇسابىقە بولسىمۇ، لېكىن تايسوننىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى كىرىمى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ سان سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى رېكورتىنى ياراتقان، رىقابەتچىسى كىچىك روي جونېسمۇ ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەقلىق كۆرۈش باھاسى 49.99 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىن سېتىش سوممىسى 10 يىللىق يېڭى رېكورتنى ياراتقان. تايسون ئۆزىمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ: «سان يالغان سۆزلىمەيدۇ، لېكىن قارلىغۇچىلار ساراڭ بولۇپ قالىدىغان بولدى، ئۇلار مەڭگۈ بۇنداق سانغا ئېرىشەلمەيدۇ»، ئۇ يەنە بوش ۋاقىت چىقىرىپ رەقىبى جونېسقا «ياخشى تەييارلىق قىلغىن» دېگەن.

/uploadfile/2020/1201/2020120111282777337.jpg

ئىككى بوكسچىنىڭ يېشى 50 تىن ئاشقان بولغاچقا، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ كالىفورنىيە ئىشتاتى تەنتەربىيە كومىتېتى ئاندى فوستېر مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇسابىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ھەمدە بۇنىڭ بىر مەيدان «نەتىجىسىز، يەڭگۈچى يوق» بولغان ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە مۇسابىقە قائىدىسى تۈزۈپ چىققان:

1. مۇسابىقە سەككىز ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەر ئۇچرىشىشى ئىككى مىنۇت.

2. ئىككى تەرەپ 12 ئۇنسىيەلىك بوكس پەلىيى ئىشلىتىدۇ.

3. ئىككى تەرەپ مۇسابىقىدە قالپاق تاقىمايدۇ.

4. ئەگەر ھەر قانداق بىر تەرەپ مۇسابىقىدە يارىلانسا، مۇسابىقە دەرھال ئاخىرلىشىدۇ.

5. تايسون بىلەن جونېس مۇسابىقىدىن بۇرۇن چوقۇم مۇكەممەل تېببىي سىناقنى قوبۇل قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى بوكسچى مۇسابىقىدىن بۇرۇن VADA (روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى)نىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

نەق مەيداندا 300دىن ئارتۇق خىزمەتچى مۇلازىمەتكە قاتناشقان ھەمدە 21 ئۇلاپ تارقىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.

/uploadfile/2020/1201/2020120111282728564.jpg

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ تايسوننىڭ تۇنجى قېتىم بوكس سەھنىسىگە قايتا چىقىشنى سىناپ بېقىشى ئەمەس. 2006-يىلى 9-ئايدا تايسو چېكىنگىلى بىر يىل بولغان ۋاقىتتا، بىر قېتىملىق مايكول تايسون دۇنيا سەييارە مۇسابىقىسى نامىدىكى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرغان.

2006-يىلى 10-ئايدا بۇ سەييارە مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تايسوننىڭ رەقىبى سابىق كەسپىي بوكسچى كورى ساندېرس ئىدى. بىراق مۇسابىقىنىڭ نادىرلىق دەرىجىسى مۆلچەردىكىگە يەتمىگەن، نەق مەيدانغا كەلگەن 6000 تاماشىبىن تەرەپ-تەرەپتىن ئىسقىرتىشقان، شۇ قېتىمقى سەييارە مۇسابىقىمۇ تۇنجى مەيداندىن كېيىنلا ئاخىرلاشقان.