توختاربېك ۋە ئابدۇرېشىت رېھىملارنىڭ مۇسابىقىلىرى بۈگۈن ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-12-01
来源:جۇڭگو بوكىس جەمئىيتى

ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالى تەۋسىيەسى: ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ، يەنە يېڭى بىر ھەپتە يېتىپ كەلدى، مەملىكەتلىك ئەرلەر چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى بۈگۈن ۋە ئەتە توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى مۇسابىقە كۈنى بولىدۇ ، بۇ   مۇسابىقىدە   بۈگۈن چۈشتە شىنجاڭ بوكىس كوماندىسىدىن 75 كىلوگىراملىقلار بويىچە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن شىنجاڭلىق ماھىر توختىبېك تاڭلاتخان بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى ماھىرى ئولپار خالخېن بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .بۇ مەيدان مۇسابىقە بېيجىڭ ۋاقتى 13:00تىن 14:55 كىچە بولغان ئارلىقتا ئۆتكۈزىلىدۇ.

يەنە 91 كىلوگىراملىقلار بويىچە يەنە بىر چېمپىيون بولۇشتىكى قىزىق نۇقتا شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئابدۇرېشىت رېھىم نىڭشىيا كوماندىسى ماھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ .بۇ مەيدان مۇسابىقە بۈگۈن چۈشتە بېيجىڭ ۋاقتى: 15:25 تە ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىدۇ ، ئەلكۈيى   ۋىدىئو ئەپ دىتالىنى چۈشۈرۈپ، بۈگۈن چۈشتە   مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ئونۇتماڭ!

بۇ مۇسابىقە بۈگۈن چۈش بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 13:05دە ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى ۋە ئەلكۈيى ۋىدىئو ئەپ دىتالىدا ئۇيغۇرچە بىۋاستە كۆرسىتىلىدۇ. ۋاقتىدا كۆرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.