«ئېغىز زەمبىرىكى» قايتىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
来源:تېڭشۈن تورى



بېيجىڭ ۋاقتى 2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، گىگانت چولپان كانېر مەكگرېگېر سەككىز بۇرجەكلىك قەپەسكە قايتىپ، UFC257 باش مۇسابىقىسىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، كونا رەقىبى، يېنىك دەرىجىلىكلەر سابىق ۋاقىتلىق چېمپىيونى، «ئالماس» داستىن پورىيېر بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلىشىدۇ.

بۇ مەيدان مۇسابىقە كانېرنىڭ بىر يىلدىن كېيىن سەككىز بۇرجەكلىك قەپەسكە قايتىپ قايتا مەيدانغا چىقىشى بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا كانېر ھەممىنى ھەيران قالدۇرغان ئىپادىسى بىلەن رىۋايەتلىك ماھىر «پادىچى» سېرونىنى TKO قىلىپ، ئۈچ دەرىجە ھالقىغان KO ئۇلۇغ نەتىجىسى تاماملاش بىلەن بىرگە، پەقەت 40 سېكۇنتلا ۋاقىت سەرپ قىلغان بىر مەيدان چوڭ غەلىبىسى بىلەن ئېلىشىش دۇنياسىغا ھېلىقى جەڭ قىلىش ئارزۇسى قايتا لاۋۇلدىغان شاھ كانېرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر چوڭ قىزىق نۇقتىسى «ئالماس» داستىن پورىيېرنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى، «ئالماس» تېخى چاقنىمىغان چاغدا، پىشىپ يېتىلمىگەن پورىيېر بىلەن «يېڭى ماھىرلار ئىچىدىكى شاھ» كانېر مەكگرېگېر 57 كىلوگىرامدىن تۆۋەنلەر دەرىجىسى (羽量级)دە ئېلىشقان، لېكىن پىسخىكا ئۇرۇشىدا ئالدى بىلەن مەغلۇپ بولغانلىقتىن، پورىيېر مۇسابىقىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا بىر مىنۇت 46 سېكۇنتتا ئوڭايلا TKO بولغان.

بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئىككى ماھىرنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. كانېر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزىنى رۇسلاپ 57 كىلوگىرامدىن تۆۋەنلەر دەرىجىسى چېمپىيونى بولۇپ، يەنە قوش چېمپىيون بولغان؛ ئەمما 57 كىلوگىرامدىن تۆۋەنلەر دەرىجىسىدە ئىپادىسى مۇقىم بولمىغان پورىيېر كەسكىنلىك بىلەن ئېغىرلىق دەرىجىسىنى كۆتۈرۈشنى قارار قىلىپ كۆپ يىللىق ئازابلىق تاۋلىنىش ئىچىدە پارتلاشنى كۈتۈۋالدى. UFC257 دىكى ئىككىنچى قېتىملىق جەڭ پەقەت يېنىك دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسىدىكى ئىككى ماگناتنىڭلا قايتا ئۇچرىشىشى ئەمەس، يەنە بۇرۇنقى يېڭى يۇلتۇزلارنىڭ يولى باشقا، مەنزىلى بىر، ئەڭ يۇقىرى پەللىدە ئۇچرىشىشتەك ئاجايىپ قىسمەتلەرمۇ بار.

2021-يىلى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە قايتىدىن چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كانېرنىڭ نۆۋەتتە نەتىجىسى 22 قېتىم غەلبە قىلىش تۆت قېتىم ئۇتتۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 19 قېتىم KO قىلىپ، بىر قېتىم تەسلىم قىلدۇرۇپ غەلبە قىلغان. ئېلىشىش چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن كانېر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قېتىم مەيدانغا چىققاندا، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭ» بولۇپ قالدى. ئۇ ئالدى بىلەن 2017-يىلى بوكس شاھى فلويد مېيۋېزىر بىلەن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بىر مەيدان چېگرا ھالقىغان جەڭگە چۈشتى.

كېيىن يەنە 2018-يىلى 10-ئايدا قايتىپ كېلىپ، UFC يېنىك دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى خابىب بىلەن بولغان ئاداۋەتنى ئاياغلاشتۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا تۆت قېتىملىق ئۇچرىشىشتا «بۈركۈت» گە تەڭ كېلەلمەي، بويسۇندۇرۇلدى؛ شۇنىڭدىن كېيىن كانېر ئىككىلەمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنى سىناپ باقتى، كەسىپ ساھەسىدىكى رىۋايەتلىك «پادىچى» سېرونى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرى بىلەن كانېر بىر مەھەل نىيىتىدىن ياندى، ئەمما ئۇرۇشقا بولغان تەشنالىق ئاخىرى بارلىق گۇمانلار ئۈستىدىن غالىپ كەلدى، كانېرنىڭ قايتا قوزغىلىش مۇساپىسى يەنە داۋاملىشىدۇ.


يېنىك دەرىجىلىكلەر سابىق ۋاقىتلىق چېمپىيونى داستىن پورىيېرنىڭ ئېلىشىش ھاياتى كەم-كۈتىسىز كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ھېكايە. ئۇنىڭ ھازىرقى نەتىجىسى 26 قېتىم غەلىبە قىلىش، ئالتە قېتىم ئۇتتۇرۇش، 1 قېتىم مەغلۇپ بولۇش، بۇنىڭ ئىچىدە 12 قېتىم KO قىلغان، يەتتە قېتىم تەسلىم قىلدۇرۇپ غەلبە قىلغان. 2014-يىلى كانېرغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قايتىدىن ئېغىرلىق دەرىجىسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، پورىيېر 10 قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئىككى قېتىم ئۇتتۇرۇپ، بىر قېتىم مەغلۇپ بولۇشتەك قالتىس نەتىجىنى ياراتتى.


ئۇ كۆپ قېتىم مۇسابىقىنى قىزىتىش مۇكاپاتى (UFC花红) غا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە بۇلتۇر 4-ئايدىكى UFC 236 دە بىردەك ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، شۇ چاغدىكى 57 كىلوگىرامدىن تۆۋەنلەر دەرىجىسى چېمپىيونى مەكس-ھالىۋېينى يېڭىپ، UFC ھاياتىدا تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇق شەرىپىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن خابىب بىلەن بولغان چېمپيونلۇقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جېڭىدە خابىب پورىيېرنى كەينىدىن بوغۇپ تەسلىم قىلدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن رەسمىي چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن. بۇ يىل 6-ئايدا پورىيېر بىلەن دېن خاك لاسۋىگاستا تارىخىي داستان دەرىجىلىك مۇسابىقە ئويناپ، مۇددەتتىن بۇرۇن «يىللىق ئەڭ قالتىس مۇسابىقە» نامزاتىنى ئالدىن زاكاس قىلدى.


«بۈركۈت شاھ» خابىب UFC254 مۇسابىقىدىن كېيىن تۇيۇقسىز چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاچقا، يېنىك دەرىجىلىكلەر ئايرىمىسى بۈگۈنكى كۈندە سەركەردىسىز قالايمىقان دەۋرگە قەدەم قويدى. گەرچە چېمپىيونلۇققا چېتىلمىسىمۇ، بۇ قېتىمقى ئىككىنچى قېتىملىق جەڭ «كېيىنكى بۈركۈت دەۋرى» نىڭ يېنىك دەرىجىلىكلەر تەۋەلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. زادى «ئېغىز زەمبىرىكى» كۈچلۈكمۇ ياكى «ئالماس» قاتتىقمۇ ؟ بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەڭ ئاخىرقى جاۋاب ئېلان قىلىنىدۇ.