تايسېن 54 ياشتا نېمىشقا قايتا جەڭگە چۈشىدۇ؟ جاۋابى مانا

ئەلكۈيى تورى
2020-11-28
来源:تېڭشۈن تورى




بېيجىڭ ۋاقتى 29-نويابىر يەكشەنبە كۈنى، سابىق دۇنيا بوكس شاھى   تايسېن يەنە بىر   بوكس شاھى روي جونېس بىلەن بىر مەيدان بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقە كالفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانجىلىس سىتايپوس مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كالفورنىيە شىتاتىنىڭ تەنتەربىيە كومىتېتى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى تەستىقلىغان بولۇپ ،   ، ئەلكۈيى تەنتەربىيىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن چۈشەندۈرۈپ ، ئۇيغۇرچە ۋىدىئولۇق بىۋاستە كۆرسىتىدۇ. خەلقئارالىق بوكىس رېپىرى ئەكبەر ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى تورىدىن مەمەتجان بۇ مەيدان مۇسابىقىنى تورداشلارغا چۈشەندۈرىدۇ.

0-113.jpeg

گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 54 ياشلىق تايسېن 51 ياشلىق روي جونس بىلەن مۇسابىقەلەشسىمۇ   ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىنى تايسېننىڭ قايتا مەيدانغا چىقىش جېڭى دەپ قارايدۇ. دۇنيا بوكس سەھنىسىدىكى ئەڭ پارتلاش كۈچى ۋە تالاش-تارتىش كۈچىگە ئىگە بوكس شاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تايسېن بوكىس سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ھەربىر ھەرىكىتى يەنىلا نۇرغۇن بوكس مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

تايسېن نېمە ئۈچۈن قايتا بوكىس سەھنىسىگە چىقىدۇ؟

20201128

ئەمەلىيەتتە، بۇ بوكس مۇسابىقىسى ئالدىراپ-تېنەپ ئېلىپ بېرىلغان ئەمەس. تايسېن 2006-يىلى سېنتەبىردە ئاران بىر يىل بوكىس سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق مايك تايسېن دۇنيا سەييارە مۇسابىقىسى سەييارە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ زور سوممىلىق قەرز ھېساباتىنى تۈگەتكەن. 2006-يىلى 10-ئايدا، مەزكۇر سەييارە مۇسابىقە تۇنجى مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تايسىننىڭ رەقىبى سابىق كەسپىي بوكىسچى كورى-ساندېرس ئىدى. بىراق، مۇسابىقىنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى مۆلچەرگە يېتەلمىدى، نەق مەيدانغا كەلگەن 6000 تاماشىبىن تۇشمۇتۇشتىن ئىسقىرتىشتى، نەتىجىدە بۇ قېتىمقى سەييارە مۇسابىقە تۇنجى باشلىنىشتىلا ، بۇ سەييارە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى سەھىپىسى بولۇپ قالدى. شۇ يىلى تايسېن 40 ياشتا ئىدى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تايسىننىڭ يېشى بارغانسېرى چوڭايدى، ئەمما ئۇنىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ كېلىش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى. 2020- يىلى 4- ئايدا، تايسېن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ كېلىپ، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئويىنى تىلغا ئالدى.

گەرچە بۇ قېتىم تايسېننىڭ قايتا مۇشت ئېتىشتىكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆردۇق.

تايسېن ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئۆزى مەشىق قىلغان ئىككى قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلدى ھەمدە فىلىمنىڭ ئاخىرىدا« مەن قايتىپ كەلدىم» دەپ جاكارلىدى. سىن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، تايسىننىڭ قەدىمى، ئىنكاس سۈرئىتى، مۇشت چىقىرىش سۈرئىتى يەنىلا ناھايتى قالتىس بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغان مۇسكۇللۇق بولغاچقا، ھېچكىم تايسېننىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ كېلىش ئىرادىسىدىن گۇمانلانمىغان.

تايسېن شۇنىڭدىن كېيىن بىر قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « مەن ئۆزۈمنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم، ئۇرۇش روھى مېنى ئويغاتتى، غۇرۇرۇمنى تۇتاشتۇردى، مەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇشقا قاتنىشىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنى يەنە ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. » دېدى.

2020 ـ يىلى، تايسېن 54 ياشتا ئىدى.

تايسېننىڭ رەقىبى كىم؟

20201127

تايسېن چىقارغان كۆرۈنمە چاستوتا ۋە ئۇنىڭ ساغلام بەدىنى شۇ ھامان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئاۋسترالىيە بوكسچىلىقىنى كېڭەيتكۈچى برايىن ئېماترودا،( BKFC يالىڭاچ ئېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى) نىڭ باش لېدىرى داۋىد فېلدمان، بوستون بوكسچىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇش شىركىتىنىڭ باش لېدىرى پېتىر چېمور قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن تايسېننى ئىزدەپ تاپتى، بىراق ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىر بولسا باھا بەك تۆۋەن بولۇش، بىر بولسا رەقىبىنىڭ ئورنى بەك تۈۋەن   يېتەرلىك بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى، ھەتتا تايسېننى بىر سابىق زەيتۇن توپ تەنھەرىكەتچىسى بىلەن مۇشتلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تايسوننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك سۆز قالدۇرغۇچىسى ئىككى ئىدى، بىرى، تايسوننىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەسىردىكى رەقىبى خولفېلد ئىدى، يەنە بىرى، تايسون بىلەن ئىسىمداش بولغان ئەنگلىيە بوكس پادىشاھى تايسون فورى ئىدى.

خولىفيېلد ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇردى، تايسېن مەشىق سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ ئالتە كۈندىن كېيىن، خولىفيېلد بىر سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ، ئاشكارا ھالدا تايسېننى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. بىراق خولىفيېلد خەيرى-ساخاۋەت ئۈچۈن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن تايسون تەرەپ بىلەن ئىككى ئاي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يەنىلا بىرلىككە كېلەلمىدى، بۇ قېتىمقى ئەسىر ئۇرۇشىمۇ يوققا چىقتى.

تايسېن-فوررى تايسېن ئەڭ قىزىقىدىغان رەقىبلەرنىڭ بىرى، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىزچىل ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىغان، ئىككى تايسېن ئوتتۇرىسىدىكى جەڭمۇ توختاپ قالغان.

2020-يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، تايسېن تەرەپ كىچىك جونىسنىڭ تايسېن بىلەن بىر توختام ئىمزالاپ، بىر مەيدان بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى دەسلەپتە 13-سېنتەبىر كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلەتتى، لېكىن مۇسابىقە كىرىمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 29-نويابىرغا كېچىكتۈرۈلدى. 30-ئۆكتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئورنى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانجىلىستىكى ستېپس مەركىزى ئىكەنلىكى رەسمىي بېكىتىلدى ھەمدە كالىفورنىيە ئىشتاتى تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلاندى.

تايسېن.jpg

ھەر ئىككىسى 50 ياشتىن ئاشقان بوكسچى بولغاچقا، ئۇلار مۇسابىقىدىن بۇرۇن چوقۇم كالىفورنىيە شىتاتى تەنتەربىيە كومىتېتى تەرىپىدىن 40 ياشتىن ئاشقان بوكسچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك، ئەگەر مۇسابىقە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، رېپىر مۇسابىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى مۇمكىن.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ھەر بىر ئۇچرىشىش ئىككى مىنۇتلۇق سەككىز قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئېغىر دەرىجىدىكى بوكس مۇسابىقىسىدە ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئون ئۇنسىيە پەلىيى ئەمەس، بەلكى 12 ئۇنسىيە پەلىيى ئىشلىتىدۇ.

تايسون بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ رەقىبى كىچىك روي جونېس سەل ياشراق ئىدى، لېكىن 1969-يىلى تۇغۇلغان ئۇمۇ 51 ياشقا كىرگەن. جونىسنىڭ كەسپىي ھاياتى 29 يىلغا يەتكەن بولۇپ، 2018-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە ئاندىن رەسمىي چېكىنگەن. 29 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا، كىچىك جونىسنىڭ نەتىجىسى 66 مەيدان يېڭىپ، 9 مەيدان ئۇتتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە 47 قېتىم رەقىبىنى ئۇرۇپ يىقىتىپ غەلىبە قىلغان.

تايسېن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا جەمئىي 58 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، 50 مەيدان غەلىبە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 44 قېتىم رەقىبىنى يىقىتىپ غەلىبە قىلغان.

d414f485f4b0ddf0344a958571503c8d.jpeg@s_0,w_660,h_370,q_80.jpeg