تايسېن بىلەن جونسنىڭ مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
来源:تېڭشۈن تورى




كۆز نۇرى ئۆتكۈر 54 ياشلىق تايسېن بوكس مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ. بوكس مەستانىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كىچىك روي جونېس بىلەن ئېلىشىشنى ئارزۇ قىلاتتى، ھەقىقەتەن بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى ساغلاملىق خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.


«28-نويابىر رەھىمسىز ئېلىشىش كۈنى» ، تايسېن Instagramm دا مۇنداق دەپ يازدى: « تۇرمۇشتا مەن بەزىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشۇم مۇمكىن، لېكىن ئۇ كۈنى مەن بوكس سەھنىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويمايمەن!

بۇ سابىق دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس پادىشاھى لوس ئانژېلېستا كىچىك روي جونېس (Roy Jones Jr. ) بىلەن تۇتۇشىدۇ، بۇ بىر مەيدان بوكس ساھەسىدىكى ئىككى رىۋايەتنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى.

تايسېن.jpg

تايسېن   بۇ يىل 54 ياش، ئۇنىڭ رەقىبى ئالدىنقى بەش دەرىجىدىكى دۇنيا چېمپىيونى پەقەت ئۇنىڭدىن ئۈچ ياش كىچىك. تايسېننىڭ ئالدىنقى مەيدان كەسپىي مۇسابىقىسى 15 يىل بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن. 2005-يىلى ئېرلاندىيەلىك بوكسچى كېۋىن مەكبىرايد (I Kevin McBride) نى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ بوكىس سەھنىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان.


روي جونىسنىڭ سەپتىن چېكىنىش مۇسابىقىسى بولسا 2018-يىلى. شۇ يىلى ئۇ ئون قېتىم ساناپ بولغاندىن كېيىن كانادالىق بوكسچى سكوت سېگمون (Scott Sigmon) نى يەڭگەن. جونېس ناھايىتى ئېنىقكى، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان« يۈز ياشلىقلار ئۇرۇشى» دا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن بورۇنقى زىيارەتتە رىياسەتچىنىڭ سۇئالىغا جونس مۇنداق دېگەن: « ئەگەر سىز تايسوننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئادەتتىكى بوكسچى ئەمەس. بىراق، ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ سالامەتلىك ۋە يارىلىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

图片

بۇ مۇسابىقىمۇ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇسابىقە بولۇپ ، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە 12 ئايلانما ئەمەس، 8 ئايلانما داۋاملىشىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ 3 مىنۇتىمۇ 2 مىنۇتقا قىسقارتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ئىشلىتىدىغان پەلەيمۇ ئادەتتىكى پەلەيدىن چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر رېپېر مۇسابىقە بەك كەسكىن بولۇپ كەتتى دەپ قارىسا، ھەر ۋاقىت مۇسابىقىنى توختاتسا بولىدۇ. « تايسون بىلەن بىللە چامباشچىلىق سەھنىسىگە چىقسا، ئويۇن قويۇش بىھاجەت» ، بۇ نۇقتىنى جونېس ئېنىق بىلىدۇ.

تېز ئۇرۇش قىلىپ تېز ھەل قىلىش بۇ قېتىممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

0-113.jpeg

تايسېن بىلەن جونىسنىڭ مۇسابىقىسىمۇ بەلگىلىك ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزىدۇ. دۇنيا بوكىسچىلار كېڭىشى (WBC) نىڭبۇ قېتىملىق « ئالتۇن كەمىرى » نىڭ بېلىگە« قارا تەنلىكلەرنىڭ تەقدىرى» (Black Lives Matter) دېگەن ھەرىكەتنىڭ شوئارى ۋە بەلگىسى بېسىلغان. نۆۋەتتە نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى ئارقىلىق ئىرقچىلىق ۋە ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارىتا زوراۋانلىق قىلمىشىغا ئېنىق ئىپادە بىلدۈردى، تايسېن ۋە جونېس بۇنىڭغا قوشۇلدى.

بىراق، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئىككى بوكس ساھەسىدىكى رىۋايەتلەر ئارىسىدىكى مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شەك-شۈبھىسىزكى نۇرغۇن بوكس مەستانىلىرىنى ئىنتايىن تەقەززا قىلدى.

« مەن ھەقىقىي تايسون مەستانىسى» ، شۇلتز مۇنداق دەيدۇ: « ئۇ ئىلگىرى بىر ماشىنا ئىدى، ئۇ قوزغالغاندا دائىم رەقىبىنى تېز سۈرئەتتە يىقىتالايتتى، ئۇ بىر قالتىس بوكسچى ئىدى. ۋاگنېرمۇ ئۆزىنىڭ تايسوندىن ئىنتايىن زوقلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ: « ئۇنىڭ تېز ئۇرۇش قىلىش، تېز ھەل قىلىش ئۇسۇلى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ! » دېدى.

تايسېن كەسپىي ھاياتىدا 44 قېتىم رەقىبىنى يىقىتىش ئارقىلىق غەلىبە قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 22 قېتىم تۇنجى ئۇچرىشىشتىلا رەقىبىنى يىقىتقان. بۇ مۇسابىقىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن بوكىس مەستانىلىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن.

تايسېن لاتارىيە بازىرىنىڭ قىزىق نۇقتا نامزاتىغا ئايلاندى. گەرچە ئېغىر زەربىگە ئۇچراش خەتىرى بولسىمۇ، جونېس ئۆزىنىڭ تايسېن بىلەن تىركىشىشتىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. « مەن بوكسنى ياخشى كۆرىمەن» ، جونېس سەمىمىيلىك بىلەن: « ئەگەر بوكس مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتسەم، ئۇنداقتا مەنمۇ خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈپ كېتىمەن! » دېدى.