جان بىلەن ئوينىشىۋاتامدۇ؟ 54 ياشلىق تايسېن بوكىس مۇسابىقىسىگە چۈشمەكچى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
来源:ئەلكۈيى تورى

0-113.jpeg

ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى تەۋسىيەسى: بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى   يەكشەنبە كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:00دا ، سابىق دۇنيا بوكس شاھى   54 ياشلىق تايسېن بىلەن يەنە بىر دۇنيا بوكىس شاھى 51 ياشلىق روي جونېس بىر مەيدان «100 ياشلىقلار ئۇرۇشى» دەپ ئاتالغان ئالتۇن كەمەر تالىشىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ .

بۇ مەيدان مۇسابىقە كالفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانجىلىس سىتايپوس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كالفورنىيە شىتاتىنىڭ تەنتەربىيە كومىتېتى رەسمى تەستىقلغان مۇسابىقە بولۇپ ، ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ، ئەلكۈيى ئەپ دىتالى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى ئۇلارپ تارقىتىش شەكلىدە نەق مەيداندىن ئۇيغۇچە چۈشەندۈرۈپ بىۋاستە تارقىتىدۇ.

20201127

مۇسابىقىنى ئەلكۈيىدە چۈشەندۈرۈشكە خەلقئارالىق رېپىر ئەكبەر ئەپەندىم ۋە ئەلكۈيى تورىدىن مەمەتجانلار بۇ مەيدان خەلقئارالىق قىزىق نوقتا بوكىس مۇسابىقىسىنى تورداشلارغا تولۇق چۈشەندۈرۈپ ، بوكىسنىڭ ھوزۇرىنى تېخىمۇ ھىس قىلدۇرىدۇ .

دۇنيادا تايسېن بوكىس سەھنىسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر ، ئەڭ داڭلىق بوكىس شاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇسابىقىنى تايسېننىڭ قايتا مەيدانغا چىقىش جېڭى دەپ قارايدۇ. دۇنيا بوكس سەھنىسىدىكى ئەڭ پارتلاش كۈچى ۋە تالاش-تارتىش كۈچىگە ئىگە بوكس شاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تايسېن بوكىس سەھنىسىدىن چېكىنگەندىن كېيىنكى ھەربىر ھەرىكىتى يەنىلا نۇرغۇن بوكس مەستانىلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

2020- يىلى 4- ئايدا، تايسېن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ كېلىپ، ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئويىنى تىلغا ئالدى. گەرچە بۇ قېتىم تايسېننىڭ قايتا مۇشت ئېتىشتىكى مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆردۇق. تايسېن ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق ئۆزى مەشىق قىلغان ئىككى قىسقا فىلىمنى ئېلان قىلدى ھەمدە فىلىمنىڭ ئاخىرىدا« مەن قايتىپ كەلدىم» دەپ جاكارلىدى.

royjones.jpg

سىن كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، تايسىننىڭ قەدىمى، ئىنكاس سۈرئىتى، مۇشت چىقىرىش سۈرئىتى يەنىلا نۇرغۇن ئادەم كۆرۈش ئېگىزلىكىدە تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلغان مۇسكۇللۇق بولغاچقا، ھېچكىم تايسېننىڭ بوكس سەھنىسىگە قايتىپ كېلىش ئىرادىسىدىن گۇمانلانمىغان. تايسېن شۇنىڭدىن كېيىن بىر قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « مەن ئۆزۈمنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم، ئۇرۇش كۈچى مېنى ئويغاتتى، غۇرۇرۇمنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى، مەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇشقا قاتنىشىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنى يەنە ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. » دېدى.

جىبو-13-چىسلا.jpg